UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرياپونلار

ياپونلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ياپونلار ئۆزلىرىنى <ياماتو> مىللىتى دەپ ئاتايدۇ، ئۇلار ياپونىيىدىكى ئاساسلىق مىللەت ھەمدە دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ يەتتە مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 7.98 پىرسەنتى ياپونىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 120 مىليون بولۇپ، مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 99 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ياپونلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك توكيو، ئوساكا، يوكاھاما، ناگويا قاتارلىق چوڭ - چوڭ شەھەرلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا شىمالىي ئامېرىكا ۋە برازىلىيە، پېرۇ، ئارگېنتىنا، پاراگۋاي قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى، تىنچ ئوكيان ئاراللىرى، ئوكېئانىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ 2 مىليوندىن كۆپرەك ياپون بار. ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، كونا تاش قورال دەۋرىدە، ياپونىيەزېمىنى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىى بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ، ئەينى زاماندىكى ياپونىيىنىڭ ئىپتىدائىي ئاھالىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ياپۇنىيىگە كۆچۈپ بارغان، ھازىرقى ياپونىيىدىكى ئاز سانلىق مىللەت - ئائىنۇلار دەل شۇلارنىڭ پۇشتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە ئاراللىرى بۇنىڭدىن تۈمەن يىللار ئىلگىرى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ چىققان، بۇ ئاراللارغا سىبىرىيە ۋە جۇڭگۇنىڭ شەرقىي شىمالىدا ياشىغۇچى تۇنگۇسلار، مالايا تاقىم ئاراللىرىدا ياشىغۇچى مالايلار، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى ھىندىچىنىلىقلار، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ئەتراپىدا ياشىغۇچى ۋۇيۆلەر قاتارلىقلار دېڭىز يولى ئارقىلىق كۆچۈپ بارغان. مىلادىدىن كېيىن يەنە كورىيلىكلەر، خەنزۇلار قاتارلىق قوۋملار تۈركۈم - تۈركۈملەپ كۆچۈپ بارغان، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ بۇ ئاراللاردا ياشاپ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزئارا قوشۇلۇشى، ئۆزلىشىشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى ھازىرقى ياماتو يەنى ياپون مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ياپونلاردا ياپون تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، بۇ تىلنىڭ قايسى تىل سىستېمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى تېخى بېكىتىلمىدى، ئادەتتە ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى <قەدىمكى ئاسىيا> تىللىرىغا كىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ، بۇ تىل پۈتۈن ياپونىيە ۋە رىيوكيو ئاراللىرىدا قوللىنىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مىللىي يېزىقى بار، بۇ خەنزۇ يېزىقى بىلەن ياپونچە <كانا> يېزىقىنىڭ ئارىلاشما يېزىقىدىن ئىبارەت. ياپونلار ئومۇميۈزلۈك دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە كېلىپ كۆپ سانلىق كىشلەر ئادەتتە ئىككى خىلدىن كۆپرەك دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ ياپونلارنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىدىغان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە ياپونلارنىڭ 95 مىليوندىن كۆپرەكى شىنتۇئىزم دىنىغا، 82 مىليوندىن كۆپرەكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئومۇمەن ھەر خىل دىن مۇرتلىرىنىڭ سانى 224 مىليون كىشىدىن كۆپرەككە يېتىدۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى دىنىي مەزھەپ 2 - 3 يۈزگە يېتىدۇ، قىسقىسى ياپونلار كۆپ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەت، شۇنداقتىمۇ ياپونلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا دىنى بىلەن شىنتۇئىزم (تەڭرى دىنى) دىنىغا ئىشىنىدۇ، ئاز بىر قىسمى خرىئان دىنىنىڭ پروتېستانت ۋە كاتولىك مەزھەپلىرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ياپونلار ئاساسەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆپرەك شال، كۆكتات تېرىلىدۇ، مېۋە - چېۋە، ئۈجمە، چاي ئۆستۈرىلىدۇ. شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ياپونلارد بىنالاردا ئولتۇرىدۇ، يېزىلاردىكىلىرى يەر تەۋرەش، بوران ۋە نەملىككە بەرداشلىق بېرىدىغان ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىر قەۋەت ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، ئۆيلىرى سىرىلما تاختاي بىلەن تام ئايرىلغان، ئوت - چۆپ ۋە كاھىش بىلەن يېپىلغان بولىدۇ، ياپونلار ئۆيىگە ئايىقىنى سېلىپ كىرىدۇ، يېتىش - قوپۇش، ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە بورا ياكى يىكەن ئەدىيال سېلىپ قويىدۇ، ياپونلارنىڭ كۈندىلىك يېمىكى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، كۆپىنچە مايسىز ۋە ئاز تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەن، كۆكتات، مېۋە، كالا سۈتى، بېلىق ۋە گۈرۈچ، پۇرچاقتىن ياسالغان يىمەكلىكلەرنى، جياڭيۇغا چىلىغان ئەبجەش سەيلەرنى خام بېلىق گۆشىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ياپونلارنىڭ مىللىي كېيىم - كېچىكى ياماتوچە (ياپونچە) پاسوندىكى كىيىم - كېچەكلەر بولۇپ، ئۇنى <كىمونو> دەپ ئاتايدۇ. ياپونلار توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى قاتارلىقلارنى شىنتۇ دىنى بىلەن بۇددا دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىدۇ. ياپونلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى يېڭى يىل ھارپا كېچىسى ياكى يېڭى يىل بايرىمى، تاققا چىقىش بايرىمى (8 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ)، قىزلار بىلەن ئوغۇللار بايرىمى (3 - مارت ۋە 5 - ماي ئۆتكۈزىلىدۇ)، چوكا بايرىمى (ھەر يىلى 4 - ئاۋغۇست ئۆتكۈزىلىدۇ)، <قار بايرىمى> (ھەر يىلى 1 - 2 - ئايلاردا خوككايدو ئارىلىدا ئۆتكۈزىلىدۇ)، <چىۋەرلىك تىلەش بايرىمى> (7 - ئىيول كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، تاڭزۇڭزا بايرىمى (قەمەرىيە 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاخشىمى ئۆتكۈزىلىدۇ)، نوروزگۈل بايرىمى (مارتنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئاپرىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە بولغان ۋاقىت)، مايسا تىكىش بايرىمى (1 - ئىيون ئۆتكۈزىلىدۇ)، تولۇنئاي بايرىمى، جىن - شەيتان قوغلاش بايرىمى (2 - ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزىلىدۇ)، ساپپورو قار بايرىمى (2 - ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىنىڭ جۈمە كۈنى خوككايدو ئارىلىدا ئۆتكۈزىلىدۇ)، چاي چىنىسى بايرىمى قاتارلىق ھېيت - بايراملىرىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. ياپونلار ناھايىتى سىلىق - سىپايە ھەم مۇلايىم كېلىدۇ، ئۇرۇش - جېدەل ۋە قوپاللىق قىلمايدۇ، ئادەتتە ئەدەپ - قائىدىگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىشلەرگە ھامان كۈلۈمسىرەپ ياكى ئېگىلىپ تازىم قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇئامىلە، گەپ سۆزلىرىدىنمۇ خۇشپىئېللىق، ئەدەبلىك، ھۈرمەت تۈسى چىقىپ تۇرىدۇ. ياپونلار نورۇز گۈلىنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ، ھەمدە ئۇنى <دۆلەت گۈلى> ھېسابلايدۇ. ياپونلارنىڭ ئۆزگىچە رەڭ قارىشى بار، ئۇلار ئادەتتە يېشىل رەڭنى يامان كۆرىدۇ، ئۇنى شۇملۇق، يامانلىقنىڭ بېشارىتى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ياپونلار ھەرگىز يېشىل رەڭلىك كىيىم - كېچەك كېيمەيدۇ. ياپونلار قەدىمدىن تارتىپ كۈننى (قۇياشنى) ئۆزىگە تۇتېم قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنى تەڭرىنىڭ ئوبرازى دەپ ھېسابلاپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ۋە چوقۇنغان، بۇ خىل ئېتىقاد ياپونىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىدىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، چۈنكى ياپونلار كۈننى بەخت - سائادەت، شاد - خوراملىق، قىسقىسى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ سىماسى ۋە بەلگىسى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە تېۋىنىدۇ. ياپونلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزگىچە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇيۇشۇش روھىنى يېتىلدۈرگەن، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى بىرەر گۇرۇھ (كوللېكتىپ) قا مەنسۇپ دەپ قارايدۇ، شۇ گۇرۇھىنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ۋە ئىشلىرىنى ئادا قىلىش يولىدا ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايدۇ، بۇنى ياپۇن مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ياپونلار ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ، ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆزگەرتمەيدۇ، بىراق قىزلىرى ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ. ئىسىم قويغاندا، جىنسى، ياش تەرتىپىنى ئىپادىلەشكە ئېتىبار بېرىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئىسمىدىن باتۇر، چەۋەندازلىق، ئاياللارنىڭ ئىسمىدىن مۇلايىم، نازاكەت ۋە يېقىملىق مەنىسى چىقىپ تۇرىدۇ. ياپونلار ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىشتا كۆپىنچە خەنزۇچە خەتنى قوللىنىدۇ، بىراق ئوقۇلۇش ئاھاڭى ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن،"本山" دېگەن خەتنى ياماموتې، "下同" دېگەننى كۇساكا دەپ ئوقۇيدۇ ۋە باشقىلار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر