UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئورىيالار

ئورىيالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئورىيالار <ئۇتكالىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئورىيالار ھىندىستاندا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ھىندىستاننىڭ ئورىيا شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 23 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 3 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئورىيالار ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى، ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ھىندى تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل بېنگال تىلىغا يېقىن بولۇپ، تىلوگ تىلى بىلەن مارات دۆگىلەك شەكىللىك مىللىي يېزىقى بار. ئورىيالارنىڭ كۆپچىلىكى ھىندى دىنىنىڭ ۋىسنۇ مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى خرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئورىيالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئورىيالارنىڭ ئەجدادلىرى دراۋېدلار بولۇپ، تارىختا ئۆزلىرىنىڭ قۇدرەتلىك پادىشاھلىقىنى قۇرغانىدى، تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅹ ئەسىردە ئارىئانلار بۇ يەرگە كىرىپ، ئەسلىدىكى دراۋېدلار بىلەن پەيدىنپەي ئۆزلىشىپ، ھازىرقى ئورىيالار شەكىللەنگەن. ئورىيالاردا مېيت ئۇزۇتۇش، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلاردا كىشىنىڭ قازا تېپىشىنى مۇسىبەت دەپ قارىماي، بەلكى ھايات ياشاۋاتقانلاrغا قارىغاندا تېخىمۇ يۈكسەك ئىش دەپ قارايدۇ، مەرھۇمنىڭ پەرزەنت ۋە يېقىن كىشىلىرى دەپنە قىلش ئالدىدا چاچ - ساقاللىرىنى ئالدۇرۇۋېتىدۇ، ئاندىن مەرھۇمغا ئاتاپ كالا، قوي قاتارلىقلارنى قۇربانلىق قىلىپ، تېرىسنى دەرۋازا ئالدىدىكى تۈۋرۈككە ئېسىپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئىجتمائىي ئورنى ۋە مال دۇنياسىنى كىشلەرگە نامايەن قىلىدۇ، بەزى ئاتاق - ئابرويلۇق كىشلەر قازا تاپقان بولسا نەچچە ئون تۇياق مال قۇربانلىق قىلىنىدۇ، دەپنە مۇراسىمىمۇ ئىككى ھەپتە داۋام قىلىدۇ. ئورىيالار مېيىتنى سۇغا ئېلىپ، ئاندىن ھايات ۋاقتىدا، ياقتۇرۇپ كېيىدىغان كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيدۈرۈپ، ئۈستىگە يېڭىدىن تىكىلگەن ئاخىرەتلىكىنى يېپىپ قويىدۇ، ئاندىن يېقىن ئەتراپىدىكى تاغ غارىغا دەپنە قىلىپ، غارنىڭ سىرتىغا بىر تۇياق قارا توپاقنى مەرھۇنغا ھەمدەپنە قىلىپ باغلاپ قويىدۇ، تورپاق شۇ يەردە ئاچ قېلىپ ئۆلىدۇ، دەپنە مۇراسىمىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئورىيالارنىڭ ئەرلىرى ئومۇمەن ياقىسىز يەكتەك بىلەن پەرتۇقسىمان ئىشتان كېيىۋالىدۇ، ئاياللىرى خىلمۇ - خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىۋالىدۇ. ئورىيالارنىڭ كرىسنا بايرىمى، داساخارا بايرىمى، سىناناياترا بايرىمى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بار. ئورىيالاردا ئومۇمەن يۇقىرى تائىپىدىكى تۇل ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشى چەكلىنىدۇ، پەرزەنت كۆرمىگەن ئاياللار كەمستىلىدۇ، ئۇلارنى تۈرلۈك پەرھىزلەرنى بىجا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ، يەنى زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ يۈرۈشىگە، گۆشلۈك غىزا يېيىشىكە يول قويمايدۇ، ھەر كۈنى نوم يادلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئورىيالار | UyghurWiki | UyghurWiki