UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربېمبالار

بېمبالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بېمبالار زامبىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار <ۋېمبالار>، <ئاۋىمبالار>، <مېمبالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 8.97 پىرسەنتى (2 مىليوندىن كۆپرەكى) زامبىيىدە ئولتۇراقلاشقان. مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 58 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بىر قىسمى زايىر (400 مىڭ)، تانزانىيە (50 مىڭ) قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بېمبالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، ئۇلار ئەسلى بانتۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان لۇبالارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بىسا، كائوندې، لالا، سىنگا، ئۇنگا ۋە ئۇش قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. بېمبالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە بېمبا تىلىنى قوللىنىدۇ. بىر قىسمى ئىنگىلىز تىلىدىمۇ سۆزلىشەلەيدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. بېمبالارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بېمبالار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىقتا كېۋەز، پۇرچاق، كۆممىقوناق، شېكەر قۇمۇچى قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. بېمبالاردا ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلگەن، يىگىت - قىزلىرى تۇرمۇش قۇرۇپ، يىگىت قىز تەرەپكە نەچچە يىل ئەمگەك قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ئايرىم ئۆي تۇتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر