UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئېكۋادورلىقلار

ئېكۋادورلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) ئېكۋادورلىقلار ئېكۋادوردا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئاھالىسىنىڭ 7.97 پىرسەنتى ئېكۋادوردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون 950 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 2.48 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ۋېنېسۇئېلا، كولۇمبىيىدىمۇ بىر قىسىم ئىكۋادورلىق بار. ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 630 مىڭ. ئىكۋادورلىقلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار. ئېكۋادورلىقلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىلىرىنىڭ يېرىمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بانان، كاكائو، شال، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، بانان مەھسۇلاتى ۋە ئېكىسپورتىدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئېكۋادورلىقلار ئىسپان كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئىندىئانلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئۆزئارا قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن مىللەت. (2) ئېكۋادور ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى، نوپۇسى 10 مىليون 700 مىڭ، ئۇنىڭ 48 پىرسەنتىنى ئارىلاشما قانلىقلار يەنى ئېكۋادورلىقلار، 31 پىرسەنتىنى ئىندىئانلار، 12 پىرسەنتىنى نېگىرلار بىلەن نېگىر - ئاقتەنلىك ئارىلاشما قانلار، 7 پىرسەنتىنى ئاقتەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسپان تىلىنى، ئىندىئانلار كېچيا تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ يېرىمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بېلىقچىلىق ئىشلىرىمۇ بىر قەدەر راۋاجلانغان، بىر قىسمى نېفىت، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، سېمونت قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ. ئىكۋادورلىقلار كۆپرەك كۆممىقوناق، پۇرچاق ۋە ياڭيۇ غىزاسىنى ئىستېمال قىلىدۇ. ئىكۋادورلىقلاردا ھېيت - ئايەم بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە يېڭى يىل، روژدېستۋو، پاسخا، تەنتەنە بايراملىرى بىلەن ئىشقى - مۇھەببەت بايرىمى (14 - فېۋرال ئۆتكۈزىلىدۇ)، ئانىلار بايرىمى (ماي ئېيىنىڭ بىرىنچىى ھەپتىسى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق مەھەللىۋى ھېيت - بايراملىرى بار. ئېكۋادورلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاساسەن پېرۇلىقلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئېكۋادورلىقلار قارا كىرىف دەپ ئاتىلىدىغان يىرتقۇچ قۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى مىللىي كۈچ - قۇدرەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ. ئاق مىخىلىيە دەرىخى گۈلىنى ئېكۋادورلىقلار مىللەت ھەم دۆلەت گۈلى دەپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. ئېكۋادورلىقلار كىچىك پېئىل، سەمىمىي، رايىش ھەم قىزغىن كېلىدۇ. ئېكۋادورلىقلارنىڭ ئاند تاغلىق رايونىدىكى ئاھالىلىرى ئىچىدە ئاياللارنىڭ پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ. ئومۇمەن بىرىنچى قېتىم نىكاھدىن ئاجراشقان ئاياللار بەش يىل، ئىككىنچى قېتىم نىكاھتىن ئاجراشقان ئاياللار سەككىز يىل بويتاقلىق تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ياتلىق بولىدۇ، ئۈچىنچى قېتىم نىكاھتىن ئاجراشقان ئاياللارنىڭ ئۆمۈرۋايەت ياتلىق بولۇشىغا يول قويمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئېكۋادورلىقلار | UyghurWiki | UyghurWiki