بېلورۇسلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بېلورۇسلار بېلورۇسىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 9 مىليون 890 مىڭدىن كۆپرەك. بېلورۇسلارنىڭ 7 مىليون 560 مىڭدىن كۆپرەكى بېلورۇسىيە جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ 4.77 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ 64 پىرسەنتى شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان. بىر قىسمى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ غەربىي قىسمى، لىتۋا، لاتۋىيە، ئېستونىيە، ئۇكرائىنا، قازاقىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە پولشا، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر قىسىم كۆچمەنلەر بار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سودىگەر ۋە زىيالىلار قاتلىمىغا كىرىدۇ.بېلورۇسلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي سىلاۋيان تىل تارمىقىغا تەۋە بېلورۇس تىلىنىڭ ئىككى چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار، بۇ تىل رۇس تىلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
بېلورۇسلارنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچى ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى ئىچىدە ئاتا - بوۋىلىرى، جىن - شەيتان قاتارلىقلارغا چوقۇنۇشتەك خۇراپاتچىلىقنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ مەۋجۈت.
بېلورۇسلار دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سانائىتى ماشىنسازلىق، ئاپتوموبىل، يېقىلغۇ ۋە يېمەكلىك سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ.
بېلوروسلار ئەسلى قەدىمكى رۇس قوۋملىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا دېنپىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدا ياشىغان ۋىياتىچلار بىلەن كېيىنرەك بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن لاتىمىچلار ۋە درېگوۋىچلار ئىدى. ئۇلار Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە رۇسلار ۋە ئۇكرائىنلار بىلەن قوشۇلۇپ قەدىمكى رۇس قوۋمىنى ھاسىل قىلغان. Ⅹ - ⅩⅡ ئەسىرلەردە كېيۋ رۇس دۆلىتىگە تەۋە بولغان. كېيىن كېيۋرۇسلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ⅩⅥ ئەسىردە لىتۋا كىنەزلىكىگە قوشۇلغان. ⅩⅥ ئەسىردە پولشا - لىتۋا پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. بېلورۇسلار مۇشۇنداق مۇرەككەپ تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، لىتۋالىقلار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئاخىرى 19 - ئەسىرگە كەلگەندە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
بېلورۇسلار ئەدەپ - قائىدىلىك كېلىدۇ. بالىلار ئاتا - ئانىسىغا گەپ ياندۇرمايدۇ، چوڭ، مويسىپىت كىشلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، ئۇلار ئالدىدا پەردىشەپ ساقلايدۇ. بېلورۇسلار ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدۇ، چوڭ - چوڭ ئىشلاردا بىر - بىرىگە ھەمنەپەس بولۇپ ھالىغا يېتىدۇ.
بېلورۇسلانىڭ ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرى رۇسلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
بېلورۇسلار روژدېستۋو، يېڭى يىل ۋە چوقۇنۇش بايراملىرىنى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. بېلورۇسلاردا تانسا بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ، بۇ كۆپىنچە ھېيت - بايرام ۋە توي - تۆكۈن قاتارلىق خاتىرە كۈنلىرى كەچتە ئۆتكۈزىلىدۇ. تانسا داۋامىدا ئەدەپ - ئەخلاققا ۋە قائىدە - يوسۇنغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. تانسا سورۇنىدا بىر ئەر باشتىن - ئاياغ بىرلا ئايال بىلەن تانسا ئويناش، ئايال تەرەپ ئەر تەرەپنىڭ تانسا ئويناشقا قىلىنغان تەكلىپىنى سەۋەپسىز رەت قىلىش ياكى بىر مۇزىكا ئاياغلاشماي تۇرۇپ باشقا ئەر بىلەن تانسىغا چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ.
بېلورۇسلارنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرى راۋاجلانغان بولۇپ، ئاھالىلىرىنىڭ ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتى 9.99 پىرسەنتكە يېتىدۇ.