خامىتلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خامىتلار <خامىت مىللىتى> ياكى <ھام> مىللەتلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <خامىت> - شىمالىي ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم رايونىدا ياشىغۇچى ھام - سام تىللىرى سىستېمىسى ھام تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ھام تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. بۇ نام <تەۋرات. دۇنيانىڭ يارىلىشى> دا قەيت قىلىنغان رىۋايەتتىكى نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھامدىن ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 35 مىليون.
خامىتلار ئادەتتە شىمال، شەرقتىن ئىبارەت ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ؛ شىمالىي تارمىقى ئاساسەن سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ شىمالىدا ياشىغۇچى بەربەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شەرقىي تارمىقى قەدىمكى مىسىرلىقلار، كوپتىلار بىلەن قۇشتىلارنى ۋە سۇدان تەۋەسىدىكى تىپۇ، تۇئارېگ، گاللا قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خامىتلار قەدىمكى مىسىر تىلى، كوپتى تىلى، بەربەر تىلى ۋە قۇشىت تىلى قاتارلىقلارنى قوللىنىدۇ.
خامىتلار ئىرقىي جەھەتتە بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ؛ مىسىرلىقلار بىلەن بەربەرلەر ياۋروپا ئىرقى (ئاقتەنلىكلەر)، قۇشتىلار ئېفىئوپىيە ئىرقى (ئارىلاشما ئىرق) غا كىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قەدىمكى مىسىرلىقلار كېيىن ئەرەبلەرگە قوشۇلۇپ، ھازىرقى مىسىرلىقلارنى ھاسىل قىلغان؛ كوپتىلار قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ ئىچىدىكى خرىستىئان دىنى ئېتىقادىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاھالىلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 4 مىليون، ئۇلار ھازىرقى مىسىردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەربەرلەر شىمالىي ئافرىقىدىكى مىللەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، ئاساسەن مىسىرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 9 مىليوندىن كۆپرەك؛ قوشىتلار ئافرىقا تۇمشۇقى بىلەن شەرقىي ئافرىقا رايونى - ئېفىئوپىيە، سۇمالى، جىبۇتى، سۇدان، كېنىيە ۋە تانزانىيىگە جايلاشقان مىللەتلەر گۇرۇھى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 19 مىليون 500 مىڭ.
(مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەرگە قاراڭ)