UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتوخرىلار

توخرىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر توخرىلار <تۇخارلار>، <ياۋچىلار>، <رۇجىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. توخرىلار دەسلەپ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا، كېيىن غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. جۈملىدىن قەدىمكى ئەللەرنىڭ بىرى. <تارىخنامە. فەرغانە تەزكىرىسى> دە قەيت قىلىنىشىچە: توخرىلار دەسلەپ دۇنخۇاڭ بىلەن چىلىيەنشەن تاغلىرى ئارىسىدا يەنى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لەنجۇنىڭ غەربىدىن تارتىپ تاكى خېشى كارىدورى ئەتراپىدا كۆپمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، شۈەنزاڭنىڭ <ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى> 1 - جىلد، <قەدىمكى توخرىلارنىڭ ئانا يۇرتى> دېگەن كىتابىدا قەيت قىلىنىشىچە، توخرىلارنىڭ ياشىغان دائىرىسى غەربتە ئىران، شەرقتە پامىر تېغى، جەنۇبتا ھىندىقۇش تېغى، شىمالىدا ھازىرقى تېرمىزنىڭ شىمالىدىكى بۇزغال ئېغىزى (تۆمۈر قورۇق) غىچە بېرىپ تۇتاشقان. توخرىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ قايسى تىل سىستېمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى توغرىسىدا جۇڭگۇ ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ قارىشى ئانچە ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر چياڭلار نەسلىگە، بەزىلەر تۈبۈتلەر نەسلىگە، بەزىلەر شەرقىي ئىران نەسلىگە مەنسۇپ مىللەت دەپ قارايدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، توخرىلارنىڭ تىلى ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدە تىل تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، شىنجاڭدىكى توخرىلار يەنى ئاگنى بىلەن كۈسەندىكلىرى <ئاگنى - كۈسەن تىلى> نى، ئۇدۇن (خوتەن)، نىيە، پىشامشان ئەتراپىدىكىلىرى <نىيا ئاۋام تىلى> نى، لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقىدىكىلىرى <سوغدى تىلى> (ئادەتتە ئۇدۇن تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى قوللانغان. چوڭ توخرىلار ئىمپېرىيسى مىلادى Ⅳ - Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە ئېفتالىتلار تەرىپىدىن يوقىتىلغان. Ⅶ ئەسىردە تۈركلەرگە ئەل بولغان.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن توخرىلار ئۆزلىرى تۇرۋاتقان جايلاردىكى مىللەت - قوۋملارغا سىڭىشىپ كېتىپ، شۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىش داۋامىدا مۇھىم ئېتنىك تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. غەربكە كۆچمەي قالغانلىرى جۇڭگو تارىخنامىلىرىدا <كىچىك توخرىلار> دەپ ئاتىلىپ، بۇلارمۇ كېيىن ئاستا - ئاستا چياڭلار بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
توخرىلار | UyghurWiki | UyghurWiki