گاللالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گاللالار ئېفىئوپىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى <ئورومولار> دەپ ئاتايدۇ، ئاھالىسىنىڭ 3.98 پىرسەنتى ئېفىئوپىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 17 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 35 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى كېنىيە (110 مىڭ)، سۇدان ۋە سومالىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىليون 100 مىڭ.
گاللالار ھەبەش ئىرقىغا كىرىدۇ، تىل دىئالېكتى ۋە ئولتۇراقلاشقان رايونىغا قاراپ، تۇلاما، ماچا، ئىتتو - كوتتۇ، بورانا، بارارتېتا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
گاللالار سام - ھام تىللىرى سىستېمسى قۇشت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گاللا تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
گاللالارنىڭ شىمالىي تارمىقىدىكىلىرى خرىستىئان دىنىنىڭ كوپتى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، شەرقىي تارمىقىدىكىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بوۇپ، تەبىئەتكە چوقۇنىدۇ.
گاللالار ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،يېرىم كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئاساسەن كالا، قوي، تۆگە بېقىلىدۇ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
گاللالار ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويىدۇ، بىراق گاللا يىگىتلىرىنىڭ ئۆيلىنىشى ئاسانغا چۈشمەيدۇ، ئۆيلەنگۈچى يىگىت جەزمەن ئۆزىنىڭ باتۇر، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئوۋچىلىق ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، بىرەر سۇ كالىسى ياكى شىرنى تۇتۇپ كېلىپ قىزغا سوۋغا قىلىشى شەرت، بۇنى ئۇلار يىگىتنىڭ ئۆيلىنىشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەپ قارايدۇ، گاللالاردا ئاساسەن نەسەب ئاتا جەمەت بويىچە ھېسابلىنىپ، ئولتۇراق جاي ۋە مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش يولغا قويۇلغان، گاللالار كالىنىڭ قېنىنى ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بېلىقنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئىي قىلىدۇ.