پارسلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) پارسلار ئىراندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ <پېرسيىلىكلەر>،<ئىرانلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى ئىراندا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 20 مىليون 900 مىڭ. پارسلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 66 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئىراق، پارس قولتۇقى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكىدىمۇ تەخمىنەن 300 مىڭدىن كۆپرەك پارس تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
پارسلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران (پارس) تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي تىللار تارمىقىغا تەۋە دەرى (پارس) تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل ئىراندا دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
پارسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (90 پىرسەنتى) ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
پارسلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 46 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئىراندا دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيەت چوڭ ھوقۇقى ئاساسەن پارسلارنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، بۇساھەلەردە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
پارسلار ئىراندىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەت بولۇپ، پارس قەبىلىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا، كافكاز ئەتراپىدىن ھازىرقى ئىران تەۋەسىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا زېمىنىدىن ھالقىغان پېرسىيە (ئىران) ئىمپېرىيسىنى بەرپا قىلغان. بۇ دۆلەت جۇڭگۇ تارىخنامىلىرىدا <ئارساك> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردىن تارتىپ <يىپەك يولى> ئارقىلىق جوڭگۇ بىلەن باردى - كەلدى قىلىپ كەلگەن.
پارسلار بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان غىزالارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، سۈت، قايماق، قوي، توخۇ گۆشلىرىنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ.
پارسلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كۆپىنچە تىزىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان كەڭ يەكتەك ياكى پەرىجە، ئىچىگە ياقىسىز كۆڭلەك كېيىۋالىدۇ، بېشىغا يىپەك رەختتىن سەللە ئورىۋالىدۇ؛ ئاياللىرى بېشىدىن تارتىپ پۇتىغىچە پۈتۈن بەدىنىنى <چادۇل> دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن قارا پەرەنجە بىلەن يېپىپ يۈرىدۇ، ئادەتتە قولى بىلەن يۈزىدىن باشقا جايلىرىنى يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەيدۇ، خوتۇن - قىزلىرى بېشىغا ياغلىق چېگىۋالىدۇ.
پارىسلارنىڭ روزى ھېيىت، قۇربان ھېيت ۋە قەدىر قاتارلىق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا، نورۇز (باھار) بايرىمى، <ساددا> بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرىمۇ بار.
پارسلار پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپلا قەيسەر، سەمىمىي، ئوچۇق - يورۇق، ئەدەپلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ، پەرزەنتلىرىمۇ ئاتا - ئانىلىرنى بەك ھۈرمەتلەيدۇ، ئۇلار بار يەردە ئەسنىمەيدۇ، كېكەرمەيدۇ، مىشقىرمايدۇ.
پارسلارنىڭ تۇرمۇشتىكى پەرھىزلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ. پارسلار ھاراق ئىشلەشنى، ھاراق سودىسى قىلىشنى ۋە ھاراق ئىچىشنى، ئوغرلىق قىلىشنى، زىناخۇرلۇقنى مەنئىي قىلىدۇ؛ ئاياللارنىڭ بولۇپمۇ چۈمبەل تارتقان ئاياللارنىڭ ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ سودا ماركىسى ئىشلەشنى مەنئىي قىلىدۇ؛ گىلەم، كەشتىلەرگە ئادەم سۈرىتىنى چۈشۈرمەيدۇ، قىسقىسى شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلار قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.
پارسلار سۇ، ئوت، تۇپراق، ئاق ئۇننى مۇقەددەس بىلىدۇ؛ ئاق نەرسىنى، ئاق ۋە قىزىل رەڭنى پاك - ساپلىقنىڭ، بەخىت - سائادەت ۋە شاد - خوراملىقنىڭ سىماسى ياكى سىمۋولى دەپ ھېسابلايدۇ، سېرىق رەڭنى يامان كۆرىدۇ، شۇڭا كىشلەر ئۆز - ئارا سېرىق رەڭلىك گۈل تەقدىم قىلمايدۇ.
پارسلار <7> رەقەمنى خەيرلىك، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئەدەبىيات تەسۋىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بۇ رەقەمنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ.
پارسلار كۆركۈم گۈلى بىلەن ئەتىرگۈلنى مىللەت گۈلى دەپ قاراپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ.
پارسلار <13> رەقەمنى يامان كۆرىدۇ، شۇڭا نورۇز بايرىمىنىڭ 13 - كۈنى ھەممە كىشى ئۆي - ماكانلىرىنى بىر كۈن تاشلاپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار شۇ كۈنى جىن - ئالۋاستى، شاياتۇنلار يەر يۈزىگە چۈشۈپ، كىشلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.
پارسلار قىزلچىنى پېشكەللىك ۋە يامانلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ، شۇڭا پارسلاردا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە قىز سوراپ بارغاندا، قىز تەرەپ قىزىنى بېرىشنى خالىمىسا قىزىلچا شورپىسى بىلەن يىگىت تەرەپنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ، يىگىت تەرەپنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پارسلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. پارس خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەپسانە، رىۋايەت، داستان، ماقال - تەمسىل، ناخشا - قوشاق، ھېكايە - چۆچەك قاتارلىق كۆپ خىل ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق قەدىمكى ئېپىك داستان <ئاۋېستا> ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ داستان مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن بولۇپ، مىلادى Ⅲ - Ⅳ ئەسىرلەرگە كەلگەندە رەتلىنىپ، كېيىن زەردۇشت (ئوتپەرەسلىك) دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرىغا ئايلانغان؛ ئۇنىڭ مەزمۇنى مول، كۆلىمى چوڭ بولۇپ، جەمئىي 21 توم كېلىدۇ. بىراق كۆپ قىسمى زامانىمىزغا يېتىپ كەلمىگەن.
پارسلارنىڭ مەشھۇر شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى (941 - 1020) تەرىپىدىن رەتلەنگەن، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3200 - يىلدىن 650 - يىلغىچە 50 نەچچە پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھلىرى، سەركەردە - پالۋانلىرى، دانىشمەنلىرى ۋە ئاددىي خەلقلەرنىڭ ئوبرازىنى ئاساس قىلغان 120 مىڭ مىسرالىق ئىپىك داستان - <شاھنامە> كىشلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن خەلق ئەپسانە - رىۋايەتلىرى مۇجەسسەملەشكەن.
پارس خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىدا، پارس خەلقىنىڭ تەبىئەت ، جەمىئىيەت، كىشىلىك تۇرمۇشى، پاك سۆيگۈ - مۇھەببەت، ئادالەتپەرۋەرلىك ۋە خەلقچىللىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى ئوبرازلار ئارقىلىق جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن.
ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، تىلى راۋان، قۇرۇلۇشى پۇختا كېلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە راۋاجلىنىپ يۈكسەك سەۋىيىسگە يەتكەن، بولۇپمۇ Ⅹ - ⅩⅤ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىل پارس دەۋرى تىل - يېزىقى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان بىر مۇنچە كلاسسىك يازغۇچى شائىرلار دۇنياغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە <شاھنامە> ۋە <يۈسۈپ - زىلەيخا> ناملىق داستانلىرى بىلەن داڭ چىقارغان ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسى (934 - ياكى 941 - 1020)، ئالتە توملۇق شئېرلار توپلىمى <مەسنىۋى> سى بىلەن شۆھرەت قازانغان جالالىددىن مۇھەممەد رۇمى ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئاپتورى شەيىخ سەئىدى شېرازىي (1184 - 1291)، <رۇبائىلار> بىلەن شۆھرەت قازانغان ئۆمەر ھەييام (1049 - 1123) ۋە كىلاسسىك شائىر مۇھەممەد شەمشىدىن ھافىز شىرازىي (1320 - 1391) قاتارلىقلار دۇنياغا مەشھۇر.
پارس ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما ئەدەبىياتى شەرق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. پارسلاردا تارىخشۇناسلىق ۋە تەزكىرىچىلىك ئىلمىمۇ بىر قەدەر راۋاجلانغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر تارىخچى ئالاۋىددىن ئاتتامۇلك جۇۋەينى (1283 - يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى <تارىخىي جاھانكۇشاي> (دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى)، راشىددىن (1247 - 1318) ۋە ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى - <جامئۇل تەۋارىخ> (تارىخ توپلىمى) ۋە نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان <ھۇدۇدۇلئالەم> قاتارلىقلار بار. بۇئۈچ ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىر، بولۇپمۇ مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى، تۈرك، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
پارسلار تارىختا ئاۋېستا كونا كالېندارى، ئاۋېستا يېڭى كالېندارى، ئىسلام قۇياش كالېندارى، ئىسلام قەمەرىيە كالېندارى قاتارلىق كۆپ خىل كالېندارنى قوللىنىپ كەلگەن.
پارس ئىسلام قۇياش كالېندارى ھىجرىيە شەمسىيە كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كالېندار بويىچە 622 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى (نورۇز) يىل بېشى قىلىنىدۇ، ئۇ مىلادىيە ھېسابىدا 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇخىل كالېندارنى پۇشتۇلار ( ئاففانلار) مۇ قوللىنىدۇ.
پارس ئىسلام ئاي كالېندارى ھىجرىيە شەمسىيە كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كالېندارنى ھىجرىيە شەمسىيە كالېندارىغا سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 11 كۈن كەم بولىدۇ. شۇڭا مىلادى 1987 - يىلى ئىسلام قۇياش كالېندارى بويىچە 1366 - يىلى بولسا، ئىسلام ئاي كالېندارى بويىچە 1408 - يىلغا توغرا كېلىدۇ؛ مىلادى 1990 - يىلى 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئىسلام قۇياش كالېندارى بويىچە 1369 - يىلى بولسا، ئىسلام ئاي كالېندارى بويىچە 1411 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
پارسلارنىڭ گىلەمچىلىك، كەشتىچىلىك، توقۇمىچىلىق، زەگەرلىك، مىسكەرلىك ۋە نەققاشلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئىتى تەرەققىي قىلغان؛ بولۇپمۇ پارس (ئىران) گىلىمى خام ئەشىياسىنىڭ ياخشىلىقى، ھۈنەر سەنئىتىنىڭ نەپىسلىكى، تۈرىنىڭ كۆپلىكى، نۇسىخىلىرىنىڭ چىرايلىق - سەرخىللىقى، رەڭگارەڭلىقى ۋە جۇلالىقى بىلەن دۇنياغا داڭقى بار. پارسلار ئەزەلدىن گىلەمنى دۆلەت بايلىقىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
پارسلاردا بۇرۇن ئىسىملا قوللىنىپ، فامىلە قوللىنىلمىغان. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ تەسىرى بىلەن فامىلە قوللىنىشقا باشلىغان. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىسىم تەرتىپى - ئۆزىنىڭ ئىسمى، فامىلىسى ۋە ئاتىسى ياكى بوۋىسىنىڭ ئىسمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنىدۇ، ئىسىمنىڭ ئالدىغا <ئەبۇ> (پالانىنىڭ ئاتىسى مەنىسىدە) <ئىبىن> (پالانىنىڭ بالىسى مەنىسىدە) قاتارلىق قوشۇمچىلارنى قوشۇپ ئاتايدۇ.
(2) پارسلار ھىندىستاندا ئولتۇراقلاشقان پارس كۆچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە زەردۇشىت مۇخلىسلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئومۇمىي نوپۇسى 200 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى گۇجارات شىتاتىنىڭ بومباي شەھىرىگە (تەخمىنەن 100 مىڭدىن كۆپرەكى) ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى ئىران (26 مىڭ)، پاكىستان (55 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
پارسلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇجارات تىلىنى قوللىنىدۇ، ئاساسەن زەردۇشىت دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پارسلارنىڭ كۆپىنچىسى سودا - سېتىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ مونۇپول مالىيە گۇرۇھى تاتا جەمىئىيتى پارسلاردىن كېلىپ چىققان.
پارسلارنىڭ ئېتىنىك تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسەن قەدىمكى پارسلار (پېرسىيىلىكلەر) قان سىستېمىسىدىن تۆرەلگەنلەرنى ئاساس قىلدۇ.
پارسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى دىنىي ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. پارسلار ئۆز جامەئەسى ئىچىدە نىكاھلىنىشنى يولغا قويغان؛ ئۇلار مېيىتنى كۆككە - ئۇچۇقچىلىققا دەپنە قىلىدۇ.
پارسلار ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ئىسلام دىنى بىلەن ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
پارسلار سۇ، ئوت ۋە ئاق نەرسىنى مۇقەددەس بىلىدۇ. شۇڭا يېشىل پاقا، تاشپاقا، قىسقۇچ پاقا قاتارلىق جانىۋارلارنى سۇنى بۇلغايدۇ دەپ يامان كۆرىدۇ.تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قېشىغا ئۈچ كېچە - كۈندۈز نوكچا يېقىپ قويىدۇ، ئوچاقتىكى ئوتقا ھەرگىز سۇ تۆكمەيدۇ. پارسلار سەپەرگە چىققاندا ئىسىرىق سېلىپ، سول پۇتى بىلەن بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ.
پارسلار ئاق رەڭنى پاكلىق، بەخىت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.
پارسلار يەر - زېمىن ۋە ئوتنى مۇقەددەس دەپ قارىغانلىقتىن، مېيىتنى يەرگە كۆممەيدۇ ۋە ئوتتا كۆيدۈرمەيدۇ، بەلكى مېيتنى ئاق رەختكە ئوراپ، مۇنارلىق ئۈستى ئوچۇق بالىخانىغا قويۇپ دەپنە قىلىدۇ، بۇ <كۆككە دەپنە قىلىش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇخىل مۇنارلىق ئۈستى ئوچۇق بالىخانىلاردىكى مېيىتنى قاغا - قوزغۇنلار يەپ كېتىدۇ، قېپقالغان ئۇستىخفنلىرىنى بىر ياققا يىغىشتۇرىۋېتىپ، ئورنىغا يەنە مېيىت قويىدۇ.