ساملار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ساملار <سېمىتلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ساملار قەدىمكى زاماندا غەربىي ئاسىيادىكى ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىمى، ئەرەبىستان، سۈرىيە، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا ياشىغۇچى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللاردا سۆزلىشىدىغان قەبىلە - قوۋملار گۇرۇھىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بابىللىقلار (ئاكاد، ئامۇرىيان قاتارلىق قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاسسۇرىيىلىكلەر، فىنكلار، ئارامىئانلار، ھېبرىلار (يەھۇدىيلار)، ئېفىئوپىيىلىكلەر (ھەبەشلەر) ۋە ئەرەبلەر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەبىلە قوۋملارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. جۈملىدىن شۇلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ھازىرقى سام - ھام تىللىرى سىسىتېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە اتىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ساملار ئەسلى ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە سەھرائى كەبىرنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى 5000 - يىللىرى ئەتراپىدا كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن شەرققە قاراپ سىلجىپ، غەربىي ئاسىيادىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن چىقىپ، يەنە بىر قېتىملىق زور كۆچۈشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى مىسر، سۇدان، مەراكەش، ئالجىرىيە، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۈرىيە، يەمەن، تۇنىس، لىۋان، لىۋىيە؛ ئىئوردانىيە، كۇۋەيت قاتارلىق ئەللەرگە تارقىلىپ، ھام - سام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللارنى قوللىنىدىغان مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 121 مىليوندىن كۆپرەك كېلىدۇ. بۇ مىللەتلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ.
بۇ مىللەتلەر تىل، دىنىي ئېتىقاد، ماددىي - مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتە مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە.
سام دېگەن بۇ نام ھېبرى رىۋايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان قەبىلە - قوۋم باشلىقى <نوھ> نىڭ ئوغلى <سام> (سېم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغان.
قەدىمكى ساملار بىر ئىلاھلىق دىنىي ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ھازىرقى يەھۇدى دىنى ۋە ئىسلام دىنى ئاساسەن قەدىمكى ساملارنىڭ ئېتىقادى ئاساسىدا شەكىللەنگەن.
قەدىمكى ساملارنىڭ تىلىغا كەلسەك، ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپ. تىلشۇناسلار سام تىلىنى شەرقىي ۋە غەربىي سام تىلى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىيدۇ.شەرقىي تۈرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2800 - مىلادى Ⅰ ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق مەزگىلدە مېسوپوتامىيە تۈزلەڭلىكىدە قوللىنىلغان قەدىمكى ئاكاد تىلى (ئاسسۇر تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېڭى ئاككاد تىلى (بابىلۇن تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى كۆرسىتىدۇ. بۇ تىللار كېيىن ئىستېمالدىن قالغان.
غەربىي تۈرى ئوتتۇرا تىل تارمىقى ۋە جەنۇبىي تىل تارمىقى دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. ئوتتۇرا تىل تارمىقى ئۆز ئىچىدىن ئەرەم تىل تارمىقى (قەدىمكى ئەرەم تىلى، قەدىمكى سۈرىيە تىلى، ئاسسۇر تىلى قاتارلىق تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئەرەب - كانائىلار تىل تارمىقى (قەدىمكى ھېبرى تىلى، فىنكىيە تىلى، ئوگارىد تىلى، ئەرەب تىلى قاتارلىق قەدىمكى ۋە ھازىرقى تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەنۇبىي تىل تارمىقى ) ھەبەش تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( ۋە بەزى مۇستەقىل تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سام تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللاردىن ھازىرقى ئەمەلىي ئىستېمال قىلىنىدىغان تىل 19 خىلغا يېتىدۇ.