ئىسپانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىسپانلار ئىسپانىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، بەزىدە <كاستىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نوپۇسى 29 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 2.70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە فرانسىيە، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى بىلەن مېكسىكا، برازىلىيە، ئارگېنتىنا، چىلى، بولىۋىيە، پېرۇ، كولۇمبىيە، ئۇرۇگۋاي، پاراگۋاي، ئېكۋاتور، ۋېنسۇئېلا، كۇبا، دومىنىكا، پۇئېرتورىكو ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئالتە جۇمھۇرىيەت قاتارلىق ئەللەردىمۇ نەچچە مىليون ئىسپان ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 2 مىليونى ئوتتۇرا ئامېرىكا ئەللىرىدە، 1 مىليونى ياۋروپا ئەللىرىدە ئولتۇراقلاشقان.
ئىسپانلارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا، بىر قىسمى ئالىپ تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى لاتىن تىلى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان (كاستىل) تىلىنى قوللىنىدۇ.
لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار، ئىسپان تىلى ئىسپانىيىدە دۆلەت تىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى فىلىپپىن، مېكسىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەت رايونلاردىمۇ ئاساسلىق تىل بولۇپ، تەخمىنەن 300 مىليونغا يېقىن كىشى بۇ تىلنى قوللىنىدۇ؛ شۇڭا بۇ تىل ب د ت دىمۇ قوللىنىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئىسپانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى (94 پىرسەنتى) كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ دىن ئىسپانلار ئىچىدە خېلى زور تەسىر كۈچكە ئىگە.
ئىسپانلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا شال، بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى ۋە شىكەر قومۇچى، زەيتۇن، ئۈزۈم، لىمۇن، ئاپلىسىن، ئانار قاتارلىق مېۋە - چېۋىلەر ئۆستۈرىلىدۇ؛ سانائىتى كېمىسازلىق، پولات - تۆمۈر، ئاپتوموبىل، خىمىيە ۋە سېمونت ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئىسپانلارنىڭ دېڭىز تىرانسىپورتىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان.
ئىسپانلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى ئىبېرلار بولۇپ، كېيىن بۇ جايغا كەلگەن كېلىتلار، رىملىقلار، گېرمانلار بىلەن فىنىكىيىلىكلەر، گرېكلار، ئەرەبلەر تەركىبىنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ، پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان.
1479 - يىل كاستىلىيە بىلەن ئاراگوندىن ئىبارەت ئىككى پادىشاھلىقنىڭ قوشۇلۇشىدىن بىرلىككە كەلگەن ئىسپان دۆلىتى بەرپا قىلىنغان، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كاستىل تىلىنى ئاساسىي بىرلىك قىلغان ئىسپان مىللتىمۇ رەسمىي شەكىللەنگەن.
ئىسپانلار ياۋروپا مىللەتلىرى ئىچىدە خۇشخۇي، جەسۇر ھەم ئىنتايىن جانلىق - تېتىك بىر مىللەت بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، ھېيت - بايرام ۋە خىلمۇ - خىل ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق جەھەتتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
ئىسپانلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، روژدېستۋو بايرىمى، پاسخا بايرىمى، سىن فىلىمىن بايرىمى، شېھدلار كۈنى، تەنتەنە بايرىمى ۋە قىزلار بايرىمى قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن باشقا، يېمەك - ئىچمەككە دائىر رىزىق بايرىمى، يەل - يىمىش بايرىمى، ئاشپەزلەر بايرىمى، مول ھوسۇل بايرىمى، گۈلخان بايرىمى قاتارلىق كۆپ خىل مەھەللىۋى ھېيت - بايراملىرى بار.
ئىسپانلار يېمەك - ئىچمەكلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئادەتتەق غىزادىن كېيىن كۆپرەك ۋىنو بىلەن پىۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئىسپانلار قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى غەربىي ياۋروپا مىللەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىراق ئىسپانلاردا يىگىت - قىزلارنىڭ باغچا ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا بىر - بىرى بىلەن قوچاقلىشىش ۋە سۆيۈشۈش قاتارلىق ھەرىكەتلىرى كەم ئۇچرايدۇ.
ئىسپان ئاياللىرى گۈزەللىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئادەتتە گىرىم قىلماي، قۇلىقىغا ھالقا سالماي سىرتقا چىقمايدۇ، ئۇلار ھالقا تاقىماي سىرتقا چىقىشنى يالىڭاچ كوچىغا چىققانلىق بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ.
ئىسپانلار مول ئېغىز ئەدەبىياتىغا ۋە يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە، خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرى ئىچىدە قەھرىمانلىق تارىخىي ئېپوسى <سىدى ھەققىدە داستان> مەشھۇر، ئىسپانلار ئۆزىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى سېرۋانتىس (1547 - 1616) نىڭ <دونكىخوت> ناملىق رومانى، مەشھۇر دراماتورگى - لوپىدۋىگا (1562 - 1635) نىڭ دىرامىلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغانىدى.
ئىسپانلار ئانارنى بەخت - سائادەت ۋە باياشاتچىلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، ئانار گۈلىنىمۇ مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ.
ئىسپانلار يېڭى يىل كۈنى ئۆزبالىلىرىنىڭ جېدەل - ماجرا قىلىشى ياكى يىغلاپ خاپا قىلىشى، كىشلەرنى تىللاپ رەنجىتىشىدىن بەكمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئائىلىگە شۇملۇق، بالا - قازا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا يېڭى يىل كۈنى بالىلىرىغا قارىتا بەكمۇ كەڭ قورساق بولۇپ، نېمە دېسە شۇنى بېرىدۇ، ئىسپانلار شۇكۈنى قولىغا بىر تىللا ياكى يارماق ئېلىپ يۈرىدۇ، بۇ ئىسپانلارنىڭ يېڭى بىر يىلدا ئامەت تىلەشنىڭ بىر بەلگىسى.
ئىسپانلاردا يەنە يېڭى يىل ئاخشىمى بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولۇپ بەس - بەس بىلەن بەخت ئۈزۈمى يېيىش ئادىتى بار.
ئىسپانلارنىڭ ئۆزگىچە يىلنامىسى بار، بۇ خىل يىلنامىنى مىلادىيە بويىچە ھېسابلىغاندا، مىلادىدىن ئاۋۋالقى 38 - يىلنى يەنى رىملىقلارنىڭ ئىسپانىيىنى ئىستىلا قىلغان يىلنى يىلنامىسىنىڭ بىرىنچى يىلى قىلىدۇ، بىراق ئىسپانلار 1582 - يىلى 10 - ئايدىن باشلاپ بۇ خىل يىلنامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىلادى يىلنامىسىنى قوللىنىپ كەلگەنىدى.
ئىسپانلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئۈچ - تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى، ئىككىنچى بۆلىكى ئىسىم، ئاخىرىدىن سانىغاندا ئىككىنچى بۆلىكى ئاتىسىنىڭ فامىلىسى، ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكى ئانىسىنىڭ فامىلىسى بولىدۇ. ئومۇمەن، ئىسپانلار ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى ئۆزىنىڭ فامىلىسى قىلىدۇ، يەنە ئاز ساندىكىلىرى ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى ئۆزىنىڭ فامىلىسى قىلىدۇ، قىزلار ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى تاشلاپ ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوشۇۋالىدۇ.
ئىسپانلاردا ئەرلەرنىڭ ئىسىم فامىلىسى كۆپىنچە <ئو> ياكى <ۋ> بىلەن، ئاياللارنىڭ ئىسىم فامىلىسى <ئا> بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
ئىسپانلار تەسىرى تۈپەيلىدىن فىلىپپىن ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىدىكى ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرمۇ ئىسپانچە ئىسىم فامىلە قوللىنىدۇ.