UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرلاتۋىئانلار

لاتۋىئانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر لاتۋىئانلار ئۆزىنى <لاتىشلار>، <لاتگالىشلار>، <لاتۋېشلار> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇلار لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 540 مىڭدىن كۆپرەك. ئۇنىڭ 1 مىليون 440 مىڭى لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 52 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان ئاز قىسمى روسىيە فېدېراتسىيىسى، ئېستونىيە، لىتۋا، بېلوروسىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، كانادا، ئارگېنتىنا ۋە ئاۋىسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ تەخمىنەن 200 مىڭدىن كۆپرەك لاتۋىئان بار. لاتۋىئانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالتىق تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى لىتو - لاتۋىي تىللىرى - (بالتىق تىللىرى) گۇرۇپپىسغا تەۋە لاتىش تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. لاتۋىئانلارنىڭ كۆپىنچسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە، بىر قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. لاتۋىئانلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا زىغىر، قارا بۇغداي، قىزىلچا، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى خېلىلا ئومۇملاشقان؛ ئېلىكتىرون، ماشىنسازلىق، توقۇمىچىلىق سانائىتى بىلەن تېرە خۇرۇم سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلغان. لاتۋىئانلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى لىتۋىئانلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لاتۋىئانلار يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆيلىرىنى <ناماس> دەپ ئاتايدۇ، بۇ خىل ئۆينىڭ ئىشىكىدىن كىرىشى بىلەن ئاشخانا، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىسكىلات ۋە يېتىپ - قوپىدىغان ئايۋان - ساراي بولىدۇ. لاتۋىئانلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا تار كەمزۇل، بېشىغا شىلەپە، پۇتىغا قونچىلىق ئۆتۈك كېيىدۇ؛ ئاياللىرى كانۋايلىق ئاق كوپتا، پۈرمىلىك يوپكا كېيىپ ئۈستىگە پىلاش ئارتىپ يۈرىدۇ. لاتۋىئانلار خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش روژدېستۋو بايرىمىنى تەنتەنلىك ئۆتكۈزۈشىتن باشقا، ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى دېڭىز - ئوكيان بايرىمىنى، يەنى يازلىق كۈن - تۈن بايرىمىنىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كۈنلىرى سۇ ئۈزۈش، قولۋاق ھەيدەش، ئارقان تارتىشىش قاتارلىق تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. لاتۋىئانلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا باي مىللەت.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
لاتۋىئانلار | UyghurWiki | UyghurWiki