UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئىنكالار

ئىنكالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) ئىنىكالار لاتىن ئامېرىكىسى ئاند رايونىدا ياشىغۇچى قەدىمكى ئىندىئانلارنىڭ بىر تارمىقى، ئاساسەن پېرۇ، ئېكۋادور، بولىۋىيە ۋە چىلى قاتارلىق ئەللەردە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. ئىنكالار موڭغۇل ئىرقى ئىندىئان تىپىغا كىرىدۇ؛ ئاند - ئېكۋاتور تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە كېچيا تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. ئىنكالارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئۆزىنىڭ ئىپتىدائىي ئەنئەنىۋى دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ. ئىنكالار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ،ياڭيۇ، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. پېرۇ ئىنكالىرىنىڭ <ئىنكارى بايرىمى> دەپ ئاتىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئىچىدە مىللىي قەھرىمانى ئىنكارىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان كىشلەر قاتنىشىدىغان خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەت يىغىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنكالار تازقارا (قۇماي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇشنى قەھرىمانلىق، بوي ئەگمەسلىككە سىمۋول قىلىدۇ. (2) جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بەرپا قىلنىغان، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىنكا ئىمپېرىيىسى ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئىنكالار ئۆزگىچە رەڭ قارىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار قىزىل رەڭنى بەخىت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئىشلىرىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەش يۈزىسىدىن پۈتۈن بەدىنىنى قىزىل رەڭ بىلەن بويىۋالىدۇ ھەمدە بويۇنىغا قىزىل مۇنچاق ئېسىۋالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىنكالار | UyghurWiki | UyghurWiki