UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرگۇجاراتلار

گۇجاراتلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر گۇجاراتلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئون چوڭ مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 9.97 پىرسەنتى ھىندىستاننىڭ گۇجارات شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. قالغان ئاز قىسمى پاكىستان بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئافرىقىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 39 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ 6.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. گۇجاراتلار ئارىئان، دراۋىد ۋە موڭغۇل ئىرقى ئارىلاشقان ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ. گۇجاراتلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسى ئارىئان تىل تارمىقىغا تەۋە گوجارات تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، سانسىكىرىت ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى بار. گۇجاراتلارنىڭ كۆپىنچىسى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئىسلام دىنى، جائىنزم، زوروئاستېر (زەردۇشت - ئوتپەرەسلىك) ۋەخرستىئان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گۇجاراتلارنىڭ 75 پىرسەنتى يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گۇجاراتلارنىڭ ئەجدادى گۇجار بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، ئارىئانلار، دراۋىدلار، ساكلار، ئېفتالىتلار ۋە تۈركلەرنىڭ تەركىبىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. گۇجاراتلار ئاساسەن بۇغداي ئۇنى بىلەن گۈرۈچتىن قىلىنغان قاتۇرماچ قاتارلىق يېمەكىلىكلەرنى ئېستىمال قىلىدۇ، يېزىدىكىلىرى كۆممىقوناق بىلەن سۆكنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدۇ، ئادەتتە قىزىلمۇچ (لازا)، دورا - دەرمەكلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، گۆشنى كەم يەيدۇ. گۇجاراتلارنىڭ ئەرلىرى، ئۇچىسىغا ئۇزۇن پەرىجە بىلەن پېشى تار كەلگەن كەمزۇل كېيىدۇ، ئاياللىرى ئۇچىسىغا سارى ئارتىۋالىدۇ، بېشىدا نەرسە كېرەك كۆتۈرىدۇ. گۇجاراتلارنىڭ توققۇز تۈنەك بايرىمى، قىزىلسۇ سېپىش بايرىمى قاتارلىق بىر مۇنچە مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار. گۇجاراتلار ھىندىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ موھىم رول ئوينىغان. مەسىلەن: ھىندىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ داھىسى، جۇمھۇرىيەت ئاتىسى گەندى (1861 - 1947) مۇ گۇجاراتلار ئىچىدىن چىققان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
گۇجاراتلار | UyghurWiki | UyghurWiki