ئالانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) ئالانلار <ئالانىيلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئالانلار غەربىي ئاسىيا ۋە كاۋكاز ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە، شەرقىي جەنۇبىي ئورال تاغ تىزمىسى بىلەن كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىن تارتىپ غەربىي دېنپىر دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قەدەر بولغان كەڭ زېمىندا كۆچمەن چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق تۇرمۇشىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن.
ئالانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ غەربىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىران تىلىنى قوللانغان.
ئالانلار مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى Ⅵ ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە كۆچمەن چارۋىچىلقتىن ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە كۆچكەن. بىراق ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە موڭغۇل، تاتارلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ۋە پارەكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ، بىر قىسمى جەنۇبىي كاۋكاز ئەتراپىغا كۆچۈپ كىرىپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى يەرلىك ئاھالىلەرگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ، ھازىرقى ئوستېلار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان ياكى كاۋكاز رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. كاۋكاز ئالانلىرى ئىچىدە، ⅩⅣ ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنى ئومۇملاشتۇرۇلغان.
(2) ئالانلار قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى بەگلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھەمدە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئائۇرىسى، ئالاچىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئورنى ھازىرقى ئارال دېڭىز بىلەن قارا دېڭىز ئەتراپىدا بولۇپ، شەرقىي خەن دەۋرىدە كانگېئولارغا تەۋە بولغان. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە، ئۇلارنىڭ ئاھالىلىرى <ئالانلار> دەپ ئاتىلىپ، بىر قىسمى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى ۋادىسىغا كۆچۈپ بارغان. شەرقىي جىن سۇلالسى دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بىر قىسمى غەربكە سىلجىپ دوناي دەرياسى ۋادىسىغىچە يېتىپ بارغان.