ئوسمانىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئوسمانىلار ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەبىلە - قوۋم ۋە دۆلەت نامى بولۇپ، <ئوسمان تۈركىلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار سەلجۇق تۈركىلىرىنىڭ ياكى ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خۇراسان رايونى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەردارى - ئوسمانبەگ (1259 - 1326) نىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا، 1290 - يىلى كىچىك ئاسىيادىكى ۋىزانتىيە ئېمپېرىسىنىڭ بورسا شەھىرىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە پايتەخت قىلىپ، دۆلەت نامىنى ئوسمان ئىمپېرىيسى دەپ ئاتىغانلىقتىن، كىچىك ئاسىيادىكى تۈركلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئوسمانىلار دەپ ئاتىغان. ئوسمانىلار <غەيرى دىندىكىلەر> گە جازا يۈرۈشى قىلىشنى باھانە قىلىپ، كۈچىنىڭ بارىچە زېمىنىنى كېڭەيتكەن. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى شەرقىي رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيىسىنى يوقىتىپ، پايتەختىنى ۋىزانتىيىگە يۆتكەپ، ئۇنىڭ نامىنى <ئىستانبۇل> دەپ ئۆزگەرتكەن. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى سۇلتان سۇلايمان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر (1520 - 1566) گە كەلگەندە، ئىمپېرىيە تازا كۈچىيىپ زېمىنى بۇرۇنقى ۋىزانتىيە ئېمپىرىيسى بىلەن ئەرەب ئىمپېرىيسىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن زور ئېمپېرىيىگە ئايلانغان. ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىرى غەيرىي مۇسۇلمان خەلقلىرىدىن ئېغىر باج - سېلىق ئېلىش، باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيەد قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەنگەن.
ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرىپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغان. 1926 - يىلى مىللەت نامىنى رەسمىي <تۈرك> دەپ، دۆلەت نامىنى <تۈركىيە> دەپ ئۆزگەرتىپ، ئوسمانىلار دەپ ئاتاشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.