UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربىنىلار

بىنىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بىنىلار <ئېدولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىنىلار نىگېرىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىلىرى ئاساسەن نىگېرىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 8.3 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بىنىلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، بىنىلار ھازىر ئىسۇكۇ، سوبو، ئېسا قاتارلىق قەبىلە - قوۋملار بىلەن ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. بىنىلار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ كىۋە تىللىرى تارمىقىغا تەۋە بىنى تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق. بىنىلارنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق بىر قىسىم ئاھالىسى ھېلىمۇ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلمەكتە.بىنىلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆپرەك مانىخوت، كۆممىقوناق، شال قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى خېلىلا راۋاجلانغان بولۇپ، نەقىش، ئويمىكارچىلىقى بىلەن ئافرىقىدا داڭقى بار. بىنىلار ⅩⅡ ئەسىردە بېنىن دۆلىتىنى بەرپا قىلىپ، ئەتراپىدىكى مىللەتلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى يۇرۇبالارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
بىنىلار | UyghurWiki | UyghurWiki