ئىبولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىبولار نىگېرىيىدە ياشىغۇچى ئۈچ چوڭ مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، <ئىگبولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 7.99 پىرسەنتى نىگېرىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 20 مىليون 450 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 4.18 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى كامېرون (40 مىڭ) دا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىليون 50 مىڭدىن ئارتۇق.
ئىبولار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ. نېگىر - كوردوفان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ كىۋا تىللىرى تارمىقىغا تەۋە ئىبو تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
ئىبولارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، يەر ئىلاھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىدۇ، ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئىبولار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆممىقوناق، مانىخوت، شال ۋە كاكائو، مايلىق پالما قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
ئىبولارنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان، زىيالىيلار قوشۇنى كۆپرەك بولۇپ، نىگېرىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى باشقا مىللەتلەرگىمۇ خېلى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
ئىبولارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا ھەر خىل رەڭلىك نىمچە كېيىدۇ، ئاياللىرى ئۇزۇن، كەشتىلەنگەن كۆڭلەك ياكى يوپكا كېيىدۇ، زىرە، مارجان - مۇنچاق، بىلەيزاك قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشقا ئامراق كېلىدۇ.
ئىبولارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان مول ھوسۇل بايرىمى ئەڭ كاتتا مىللىي بايرام بولۇپ، كىشلەر بۇ بايرامنى <مانىخوت> بايرىمى ياكى يېڭى يىل بايرىمى دەپمۇ ئاتىشىدۇ، ئىبولار ئۆرپ - ئادىتىنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى، بويىغا يەتكەن قىزلىرىنى ئۆيگە سولاپ بېقىپ سەمرىتىپ ئاندىن ياتلىق قىلىدۇ.
ئىبولاردا ھەر يىل 9 - ئايدا قەبىلە باشلىقلىرى رىياسەتچىلىكىدە، يىگىتلەرنىڭ قىز تاللاش مەرىكىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، يىگىتلەر ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان سېمىز قىزلارنى تاللىۋالىدۇ، تاللاشتىن قېپقالغان قىزلار قايتىپ كېتىپ، داۋاملىق بېقىلىپ، كېلەر يىللىق مەرىكىگە قاتنىشىشقاا تەييارلىق كۆرىدۇ.