UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرگۋىئانلار

گۋىئانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر گۋىئانلار <گۋىيانىئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گۋىئانلار لاتىن ئامېرىكىسى گۋىئانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت ياكى ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليوندىن كۆپرەك. گۋىئانلار ئارىلاشما قانلىقلار ئىرقىغا كىرىدۇ؛ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خرىسىتئان دىنى بىلەن ھىندى دىنىغا، بىر قىسمى خرىستىئان دىنى پروتېستانت مەزھىپى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گۋىئانلار ئىنگلىز تىلى بىلەن قىسمەن ھىندى تىلى ۋە ئوردۇ تىلىنى قوللىنىدۇ، بىراق ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى قىلىنىدۇ. گۋىئانلارنىڭ كۆپىنچىسى يىزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلكى، شال، شېكەر قۇمۇچى، قەھۋە، ئاپلىسىن، كاكائو قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى كانچىلىقتا ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. گۋىئانلار ھىندىلار، ياۋالىقلار، نېگىرلار قاتارلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئارىلىشىشىدن مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان ئارىلاشما قان سىستېمىسغا تەۋە مىللەت ھېسابلىنىدۇ. گۋىئانلار تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەرب (ياۋروپا) مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. گۋىئانلارنىڭ خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرى يېڭى يىل، پاسخا، روژدېستۋو قاتارلىق بايراملارنى، مۇسۇلمانلار روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ھېيت بايراملارنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. گۋىئانلارنىڭ ئاياللىرى باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئالاقىدا ئىشلارنى سورىشىنى يامان كۆرىدۇ. ئادەتتە كىشلەر ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى <13> رەقەمدىن بەك ئېھتىيات قىلىدۇ. گۋىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ فارفۇر قاچا - قۇچىلىرى، چىنە - چەينەك، پەتنۇس، تەخسىلىرى ۋە ئالتۇن ، كۈمۈش بىلەيزۈكلىرى قاتارلىقلارنىڭ داڭقى بار، بولۇپمۇ ئۇلاردا بىلەيزۈك ئاساسلىق ئېكىسپورت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر