ئىرلاندلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىرلاندلار ئۆزىنى <گېللار> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئىرلاندلار ئېرلاندىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت ۋە ئەنگىلىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 46 پىرسەنتى (3 مىليون 10 مىڭى) ئىرلاندىيىدە، 30 پىرسەنتى (2 مىليون 250 مىڭى) ئەنگىلىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، ئەنگىلىيە نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى، ئىرلاندىيە نوپۇسىنىڭ 98 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا (2 مىليون 700 مىڭ)، بېلگىيە، كانادا، ئاۋستىرالىيە ۋە يىڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
ئىرلاندلار ئىرقى جەھەتتە ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك - بالتىق تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى كېلىت تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ گېل تىللىرى تارمىقىغا تەۋە گېل (ئىرلاند) تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار، بىراق مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشلەر ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدۇ.
ئىرلاندلار ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەنگىلىيىدىكى باشقا مىللەتلەردىن پەرق قىلىدىغان مۇھىم بەلگىسى. ئىرلاندلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سانائەت قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئىرلاندلار ئۇزاق تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت. ئىرلاندىلار شوتلاندلار بىلەن ئوخشاش مەنبەگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى كېلىت قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان گېللار بولۇپ، ئۇلار ئىبېرلار، فېربۇئېرگىلەر ۋە پىكتىلار، كېيىن بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن نورۋېگلار، نورمانلار، ئەنگلو - ساكسۇنلار ئېتنىك تەركىبىنىڭ قوشۇلۇشىدىن گېللارنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان ھالدا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن مىللەت.
ئىرلاندىلاردا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ھەمدە بىر جۈپ ئەر - خوتۇنلار شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈش ئادەتكە ئايلىنىپ خېلىلا ئومۇملاشقان.
ئىرلاندلار ياۋروپا مىللەتلىرى ئىچىدە، ئىجتىمائىي، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سرتقا ئەڭ كۆپ كۆچكەن مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرلاندىيىدىكى نوپۇسى ئىزچىل ھالدا تۇراقسىز بولۇپ كەلگەن.
ئىرلاندلار ئىنگلىزلاردەك كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە مودا قوغلىشىپ، سۆلەتۋازلىق قىلمايدۇ، مەرتىۋە سۈرۈشتۈرمەيدۇ، بىر قەدەر ئەركىن كېلىدۇ، گەپ - سۆز ۋە كىشلەر بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرىدا ئەدەپ - قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئىرلاندلار سەمىمىي، قىزغىن ۋە مېھماندوست كېلىدۇ، مېھمانلىرىنى قەلئە ئىچىگە مېھمانغا چاقىرىپ، مەي، توخو كاۋىپى، كولباسا قاتارلىق يېمەكلىكلەر بىلەن كۈتىۋالىدۇ.
ئىرلاندلار مول ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىىرغا ئىگە مىللەت؛ ئىرلاندلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر <ئىدا>، <ساكا> قاتارلىق ئېپوسلىرى بولۇپ، بۇ ئاساسەن قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى داستانلار تىپىغا كىرىدۇ.
ئىرلاندلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئىچىدە مۇزىكا بىلەن ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش مەشھۇر بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇ پائالىيەتلەرنى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
ئىرلاند ئاياللىرى چىۋەر، ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ. شۇڭا يېزىلىرىدا ئائىلە خوجايىنى ئاساسەن ئايال بولۇپ، ياۋروپا مىللەتلىرى ئاياللىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئىرلاندىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - بايرىمى ئالۋاستىلار بايرىمى بىلەن قوغداش پىرى - پاتىرىكنى خاتىرلەش كۈنى بايرىمىدىن ئىبارەت.
ئىرلاندلاردا گۈل - گىياھ، ياۋايى ھايۋانات ۋە دەل - دەرەخلەرنى ئاسىراش بىر خىل قائىدىگە ئايلانغان، خىلاپلىق قىلغۇچىلار كىشلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدۇ.