UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرلاۋلار

لاۋلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر لاۋلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تايلاند ۋە لائوستا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلارنى لائوستا <لائۇسلىقلار> دەپ ئاتايدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 16 مىليون 700 مىڭ، 4.82 پىرسەنتى (14 مىليون) تايلاندقا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار تايلاند ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 35 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. 5.17 پىرسەنتى لائوسقا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. لاۋلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ۋيېتنام، كامبودژا ۋە بىرمىدا ئولتۇراقلاشقان. لاۋلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ؛ خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى جۇاڭ - دۇڭ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە لاۋ تىلىنى قوللىنىدۇ، لاۋ تىلى لائوستا دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. مىللىي يېزىقى بار. لاۋلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى بۇددا دىنىنىڭ ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. لاۋلارنىڭ 90 پىرسەنتى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال ئاساس قىلىنىدۇ. لاۋلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ئېلىمىزدىكى دەيزۇ، جۇاڭزۇ، بۇيىزۇ ۋە بىرمىدىكى شانلار، تايلانددىكى تەيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چېقىشى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىدىن بۇ جايغا كۆچۈپ كىرگەن <بەييۆلەر> (تۈرلۈك يۆلەر) نىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار ھازىرقى لائوسقا كەلگەندىن كېيىن 748 - يىللىرى ئەتراپىدا ئۇششاق بەگلىكلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ بىرلىككە كەلگەن لەنساڭ پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان. لاۋلار ئاساسەن گۈرۈچ غىزالىرىنى ئاساس قىلىدۇ، نومى گۈرۈچى غىزاسىنى يېيىشكە، ئاق ھاراق ئىچىشكە ئامراق كېلىدۇ، ئاياللىرى ئادەتتە سىپارى سېغىزىنى چايناپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ چىشى قارامتۇل كېلىدۇ. لاۋلارنىڭ ئەرلىرى ياقىسى، ئۇدۇل پەشلىك يەكتەك كېيىدۇ، ئاياللىرى ئۇدۇل پەشلىك ياكى ئوڭ پەشلىك ياقىسىز كۆڭلەك بىلەن يوپكا كېيىدۇ، چېچىنى بېشىغا يۆگىۋالىدۇ. لاۋلاردا ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشتىن بۇرۇن چېچىنى چۈشۈرۈپ راھىب بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەرلەردە بەدىنىگە گۈل چېكىۋېلىش ئادىتى بار. لار ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ناخشا - قوشاق ۋە ئۇسسۇلغا ماھىر كېلىدۇ، بېيت - قوشاق بىلەن ئۆزلىرىگە جورا تېپىپ مۇھەببەتلىشىدۇ. توي مەرىكىسى قىز تەرەپتە ئۆتكۈزىلىدۇ. يىگىت تەرەپتە قىزىغا يىپ باغلاپ بەخت تىلەش مەرىكىسلا ئۆتكۈزىلىدۇ. تويدىن كېيىنلا يىگىت بىلەن قىز بۆلەك ئۆي تۇتىدۇ. بىر جۈپ ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا ئەخلاقسىزلىق ھادىسلىرى ۋە جېدەل - ماجرا كەم ئۇچرايدۇ، ئادەتتە بەكمۇ ئىناق ئۆتىدۇ. لاۋلار ئاساسەن مېيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ ھەم نەغمە - ناۋا بىلەن داغدۇغىلىق ئۇزىتىدۇ، چۈنكى لاۋلار ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى بۇ دۇنيادىكى جەبىر - جاپالاردىن خالاس بولۇپ، ئەرشكە سەپەر قىلىش دەپ قارايدۇ. لاۋلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى، قوڭغۇراق مۇنار بايرىمى، سۇ چېچىش بايرىمى، سۇ پانۇس بايرىمى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بايرىمى قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بار. لاۋلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ پېشانىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا تەككۈزۈپ <سابەيدى> (ياخشى تۇرۇپلا) دەپ سالام بېرىدۇ. كىچىكلىرى چوڭلارغا ئىككى قولىنى جۈپلەپ ئېگىلىپ تەزىم قىلىدۇ. لاۋلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن چامباشچىلىق، چىۋىق توپ مۇسابىقىسى، پىل بەيگىسى، بۇقا ئۈسۈشتۈرۈش، خوكككېي مۇسابىقىسى قاتارلىقلار بار. لاۋلارنىڭ پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ئۇلار كىشلەرنىڭ بېشىنى سىلاشنى، ئاياغ بىلەن ئۆيگە كىرىشنى يامان كۆرىدۇ. لاۋلار يەسىمەن گۈلىنى مۇقەددەس بىلىپ ئۇنى ئانىغا سىمۋول قىلىدۇ؛ ھەر يىلى ئانىلار بايرىمىدا پەرزەنتىلىرى ئانىلىرىغا دەستە - دەستە يەسىمەن گۈل تەقدىم قىلىپ، ئۇلارغا بولغان ئىززەت - ھۈرمىتىنى بىلدۈرىدۇ. لاۋلاردا ئادەتتىكى ئاممىنىڭ پەقەت ئىسمى بولىدۇ، فامىلە بولمايدۇ، فاملىسى بارلارنىڭ ئىسمى ئالدىدا، فامىلىسى ئاخىرىدا كېلىدۇ، يەنە كېلىپ فاملىسى بارلار بىرەر چوڭ جەمەتنى ئۆزىگە فامىلە قىلىدۇ، ئۇ شۇ كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
لاۋلار | UyghurWiki | UyghurWiki