ئويراتلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئويراتلار <ئۇلۇتلار>، <ئويرات موڭغۇللىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋىدىكى غەربىي قىسىم موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. ئۇلار دەسلەپ موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىدا، كېيىن ھازىرقى يېنسېي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن ئورانخوتلار (ئورمان پۇقرالىرى) قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ئىدى، ئۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغانلىقتىن <تۈمەن تۈتۈن ئويراتلار> دەپ نام بېرىلگەن. موڭغۇل قەبىلىلىرى بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن ئويراتلارمۇ چىڭگىزخانغا ئەل بولغان، يۈەن سۇلالسى دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبقا قاراپ كۆچۈپ، موڭغۇلىيىنىڭ غەربى، جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا كېلىپ چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئويراتلارنىڭ سەردارى مۆڭكۈ تېمۇر ئويرات قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ۋە 1399 - يىلى ئويرات خانلىقىنى بەرپا قىلغان. ئېسەن دەۋرىدە (1439 - 1454) تەسىر دائىرىسىنى غەربتە بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتىسۇ بىلەن ماۋرائۇننەھر رايونىغىچە كېڭەيتكەن. ⅩⅥ ئەسىرگە كەلگەندە ئويراتلار دۆربۈت، خوشۇت، جۇڭغار ۋە تۇرغۇتتىن ئىبارەت تۆت قىسمغا بۆلۈنۈپ <تۆت ئويراتلار> دەپ ئاتالغان، تورغۇتلار قەبىلىنىڭ قاتارىغا كىرگەن. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭغار قەبىلىسى باش كۆتىرىپ چىقىپ، يۇقىرىقى قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. ئويراتلار غالدان (1644 - 1697)، سېۋىن ئارۇبدان (1663 - 1727)، غالدان سېرىن (1695 - 1745) قاتارلىق كاتتىباشلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، خالخا موڭغۇللىرى (تاشقى موڭغۇل) چىڭخەي، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ - تالاڭچىلىق قىلىپ، چىڭ سۇلالىسگە تەھدىت سالغان، چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى كاڭشى ۋە چيەڭلۇڭ قوشۇن چىقىرىپ ئاخىرى توپىلاڭنى تىنجىتىپ، ئۇلارنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئالغان ھەمدە بۇ يەردە ئايماق - خوشۇن تەسىس قىلىپ باشقۇرۇپ كەلگەن. ھازىر شىنجاڭدىكى موڭغۇللار تورغۇت قاتارلىق غەربىي موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
ئويراتلار دەسلەپ شامان دىنىغا، كېيىن لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەمدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا <تۆت موڭغۇل يېزىقى> دەپ ئاتىلىدىغان يېزىقنى قوللانغان.
ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە <جاڭغېر>، <گېسېر> قاتارلىق باتۇرلۇق ئېپوسىلىرى ۋە <ئويرات قىسىسى>، <موڭغۇل ئويرات قانۇنى> قاتارلىق تارىخىي يازما يادىكارلىقلىرى مۇشۇ دەۋردە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، موڭغۇللار مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
بولۇپمۇ تارىخىي داستان <جاڭغېر> ⅩⅣ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئاۋۋال تۇرغۇت قەبىلىسى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئويراتلار ئىچىگە تارقالغان ۋە پەيدىنپەي مۇكەممەللەشكەن، ئۇنىڭ ھەجىمى تەخمىنەن 30 باب كېلىدۇ.