دىڭلىڭلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
دىڭلىڭلار <تۇغلۇقلار>، <تېلىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دىڭلىڭلار ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئەجدادى. دىڭلىڭلار ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 770 - 470) بىلەن چىن، خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 221 - يىلىدىن مىلادى 23 - يىلىغىچە) دەۋرىدە شەرقتە بايقال كۆلىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ غەربتە ئالتۇن (ئالتاي) تاغلىرىنىڭ شىمالى، ئېرتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۆلىگىچە بولغان كەڭ زېمىندا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن.
دىڭلىڭلارنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 200 - يىللىرى ئەتراپىغا ھۇنلار ئۆزىگە بويسۇندۇرىۋالغان. بۇ چاغدا شەرقىي قەبىلىلەرنىڭ بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا، غەربىي قەبىلىلىرى ئېرتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۆلىنىڭ ئارلىقىدىكى جايلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھۇنلارغا قارام بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 72 - يىلىدىن مىلادى 85 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە دىڭلىڭلار ھۇن ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زۇلىمىدىن جاق تويۇپ، سيانپىي، ئۇسۇن، ئۇغانلار غەربىي يۇرتتىكى قەبىلە - قوۋملار بىلەن ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزۈپ، شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ قېتىم ھۇن ئاقسۆڭەكلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرگە كەلگەندە، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ياشىغۇچى دىڭلىڭلار <شىمالىي دىڭلىڭلار> دەپ ئاتالغان. ئالتاي تاغلىرى بىلەن تارباغاتاي ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن دىڭلىڭلار <غەربىي دىڭلىڭلار> دەپ ئاتالغان. مۆلچەرلىنىشچە، ئۇلار 60 مىڭدىن كۆپرەك لەشكەرگە ئىگە بولغان. جەنۇب تەرىپى ئۇسۇنلار ۋە قاڭقىللار بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى كانكىنئۇ (سوغدىيانلار) بىلەن چېگرىداش بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدە (25 - 420 يىللىرى) بىر قىسىم دىڭىلڭلار جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلەپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋەنياڭ ۋىلايىتى (ھازىرقى بېيجىڭ ئەتراپى)، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ دەيجۇ ۋىلايىتى ۋەخېنەن، نىڭشىيا، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ بەزى جايلىرىغا كۆچۈپ كىرىپ ماكانلىشىپ، پەيدىنپەي خەنزۇ قاتارلىق باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆزلىشىپ كەتكەن. مىلادى Ⅴ - Ⅳ ئەسىرلەردە بىر تۈركۈم دڭلىڭ قەبىلىلىرى تارىم ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشقان. بىراق ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى يەنىلا ئەسلىدىكى ماكانلىرىدا ياشىغان. شىمالىي چۆللۈكتە ياشىغۇچى دىڭلىڭلار <جىننامە> ۋە <سۈينامە> قاتارلىق تارىخنامىلىرىدا <تېلىلار> (تۆلۆسلەر) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. تارىخچىلار ئادەتتە دىڭلىڭلارنى كېينكى قاڭقىللار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشتىكى ئېتنىك مەنبەسىدىن بىرى دەپ قارايدۇ.
(<تېلېلار> ۋە <قەدىمكى ئۇيغۇرلار> غا قاراڭ)