UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرھىندى بۇراكۇمىنلىرى

ھىندى بۇراكۇمىنلىرى

دۇنيادىكى مىللەتلەر ھىندى بۇراكۇمىنلىرى <ھىندستان قەبىلە ئاھالىلىرى> ياكى <ھىندىستان قەبىلە پۇقرالىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ھىندىستاندىكى يەرلىك قەبىلە - قوۋم بولۇپ، نوپۇسى مىليوندىن ئاشقان توققۇز قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھىندى بۇراكۇمىنلىرى ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاساسىلىق ئون نەچچە مىللەتتىن باشقا، تەخمىنەن 300 دىن كۆپرەك يەرلىك قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 38 مىليون، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ھىندى بۇراكۇمىنلىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى بەش رايوندا ئولتۇراقلاشقان: 1. ھىمالايا تاغلىق رايونى، بۇ يەردە ياشىغۇچى بۇراكۇمىنلار ھىندى بۇراكومىنلىرىنىڭ 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ 2.ئوتتۇرا قىسم رايونى، بۇ يەردە ياشىغۇچى بۇراكۇمىنلار ھىندى بۇراكۇمىنلىرىنىڭ 54 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ 3. غەربىي قىسم رايونى، بۇ يەردە ياشىغۇچى بۇراكۇمىنلار پۈتۈن بۇراكۇمىنلارنىڭ 27 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ 4. جەنۇبىي قىسىم رايونى، بۇ يەردە ياشىغۇچى بۇراكۇمىلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، پۈتۈن بۇراكۇمىنلارنىڭ ئاران 6 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ 5. تاقىم ئاراللىرى رايونى، ئاندامان، نىكوبار، لاككادىئو تاقىم ئاراللىرىغا ئولتۇراقلاشقان. ھىندى بۇراكۇمىنلىرىنى ئىرقى جەھەتتە تۆۋەندىكى ئۈچ چوڭ ئىرقى تىپغا ئايرىشقا بولىدۇ: 1. مۇندالار، ئورىئانلار، گوندلار، خولار قاتارلىق بۇراكۇمىنلار ئىپتىدائىي ئاۋىسترىئانلار ئىرقىغا كىرىدۇ؛ 2. ھىمالايا تاغلىق رايونىدا ياشىغۇچى بۇراكۇمىنلار موڭغۇل ئىرقىغا كىرىدۇ:3.جەنۇبىي قىسىم رايونىنىڭ بىر قىسمى ۋە ئاندامان تاقىم ئاراللىرىدىكى بۇراكۇمىنلار نېگىر ئىرقىغا كىرىدۇ. بۇراكۇمىنلار تىل جەھەتتە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا دراۋېد تىللىرى سىستېمىسى، ئارىئان تىللىرى سىستېمىسى، جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە، تەخمىنەن 105 خىل تىل 225 خىل دىئالېكتقا كىرىدىغان تىللارنى قوللىنىدۇ. بۇراكۇمىنلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئانىمىزملىق ئېتىقادى، توتېم ئېتىقادى، تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىلاھقا چوقۇنۇش، ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنۇشىتن ئىبارەت ئىپتىدائىي دىن كەڭ تارقالغان. بۇراكۇمىنلارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھىندى بۇراكۇمىنلىرى ئىچىدە پاترىئارخاللىق (ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىق) تۈزۈمى بىلەن ماترىئارخاللىق (ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق) تۈزۈمى ساقلانغان بولۇپ، مال مۈلۈككە ۋارسلىق قىلىش بەزىلىرىدە ئاتا تەرەپتىن، بەزىلىرىدە ئانا تەرەپتىن بولىدۇ، ئومۇمەن ئائىلە ۋە دىنىي ئىشلارنى ئەڭ كىچىك قىز بالا باشقۇرىدۇ، مال - مۈلۈككە قىز بالا ۋارىسلىق قىلىدۇ. بەزىلىرىدە بىر ئەر كۆپ خوتونلۇق بولۇش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر