UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرشىلۇخلار

شىلۇخلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر شىلۇخلار مەراكەشتە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <شىلېئوخلار>، <گاشېلىخېتلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىلۇخلار ئاساسەن چوڭ ئاتلاس تاغلىق رايونى، سۇس دەرياسى ۋادىسى ھەمدە غەربىي دېڭىز بويى رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەراكەش نوپۇسىنىڭ 6.10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شىلۇخلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى بەربەر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تامازىگت دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. بىر قىسىم كىشلەر ئەرەب تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق. شلۇخلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. سىلۇخلارنىڭ تاغلىق رايونىدىكىلىرىدە قەبىلە ئىتتىپاقى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، جەمئىيەت ئەزەلىرى ئارىسىدا باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى بار، دېھقانچىلىق رايونىدىكىلەر سىنىپقا ئايرىلىدۇ. نەسەب ئاتا جەمەت بويىچە ھېسابلىنىپ، ۋارىسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. شىلۇخلارنىڭ ئاياللىرىدا يۈز - كۆزلىرىگە شەكلى خىلمۇ - خىل گۈل چېكىۋېلىش ئادىتى ساقلىنىپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
شىلۇخلار | UyghurWiki | UyghurWiki