UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرباخايالار

باخايالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر باخايالار تانزانىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ <ۋاخايالار>، <خايالار>، <زىبالار>، <نيامبۇلار> قاتارلىق ھەر خىل ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىپ كەلگەن، ئۇلار ئاساسەن تانزانىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 200 مىڭ. باخايالار، بانىياسانگالار، زىنزالار بىلەن قانداش مىللەت بولۇپ، نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ. باخايالار نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە باخايا تىلىنى قوللىنىدۇ؛ سىۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ. باخايالارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى خرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. باخايالار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كۆپرەك مانىخوت، پۇرچاق، باتات (تاتلىق ياڭيۇ)، كۆممىقوناق، قەھۋە قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىدۇ. باخايالار ئوتتۇرا ئەسىردە زىبا ۋە زىنزادىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنى بەرپا قىلىپ، تانزانىيە مىللەتلىرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. باخايالارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدا پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ. يېمەكلىكتە ئۇچار قاناتلار بولۇپمۇ توخۇ گۆشى ۋە تۇخۇمنى يېمەيدۇ، جۈملىدىن ئاقچۈمۈلە ۋە چېكەتكىدىن باشقا ھاشارەتلەرنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ. باخايا ئاياللىرى كۆكسىنى ئېىچىپ يۈرىدۇ، بىراق قىزلىرىنىڭ ياتلىق بولۇشتىن ئاۋۋال جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال سېزىلىپ قالسا ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
باخايالار | UyghurWiki | UyghurWiki