فىنكلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
فىنكلار قەدىمكى ساملارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى 3000 - يىللىرى فىنكىيىدە (ھازىرقى لىۋان، سۈرىيە بىلەن پەلەستىننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا) ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى.
فىنكلار سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپسى غەربىي - شىمالىي تىل تارمىقىغا تەۋە فىنىك تىلىنى قوللانغان. بۇ تىل كېيىن تەرەققىي قىلىپ يېقىن شەرقتىكى ھۆكۈمران تىلغا ئايلىنىپلا قالماستىن، بەلكى شىمالىي ئافرىقىدىكى كارپاگىنگىچە كېڭەيتىلگەن.
فىنكلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅢ ئەسىردە <فىنىك ھەرىپى> دەپ ئاتىلىدىغان 22 ھەرپلىك يېزىقنى كەشىپ قىلىپ قوللانغان. بۇ يېزىق كېيىن بېرىپ قەدىمكى شەرقتىكى مىللەتلەر يېزىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى ياۋروپاغا كېڭەيتىلىپ گرېك يىزىقىغا ئايلانغان ھەمدە ياۋروپا مىللەتلىرى يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان.
فىنىكلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماكانى توغرىسىدا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشى تېخى بىرلىككە كەلمىدى. شۇنداقتىمۇ بىر مۇنچە ئالىملار ئۇلارنى پارس قولتۇقى ئەتراپىدىن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىگە كۆچۈپ كەلگەن قەدىمكى ساملارنىڭ بىر تارمىقى دەپ قارايدۇ.
فىنىكلار قەدىمكى دېڭىزچى ھەم سودا - سېتىققا ماھىر مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ سودا كېمىلىرى بېرىتانىيە ئارىلى ۋە ياۋروپانىڭ غەربىي قىرغاقلىرى ئەتراپىغا يېتىپ بارغان ھەمدە پۈتۈن ئافرىقا قىتئەسىنى ئايلىنىپ چىققان. بەزى پاكىتلارغا قارىغاندا، ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىىپ ئۆتۈپ، غەربىي يېرىم شارنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغىمۇ يېتىپ بارالىغان.