UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرپارفىيىلىكلەر

پارفىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر پارفىيىلىكلەر <ئارساكلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پارفىيە غەربىي ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ھەم دۆلەت نامى. پارفىيىلىكلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردىن مىلادى Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەرگىچە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي (ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىي ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ جەنۇبى) قىسمىدا ياشىغان، دەسلەپ پىرسىيە ئىمپېرىيىسىگە، كېيىن ئالېكساندىر ئىمپېرىيسى بىلەن سېلېۋك پادىشاھلىقىغا قارام بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 247 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، ئارساك خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان، پادىشاھ مىترىدات Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 171 - 138)مەزگىلىدە زېمىنى كېڭىيىپ، غەربتە فرات دەرياسىغىچە يېتىپ بارغان، شەرقتە باكتىرىيىگە تەۋە ماغىيانا ۋە ھىندىستانننىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ پارفىيە ئىمپېرىيسىنى بەرپا قىلغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرگە كەلگەندە پۈتكۈل كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە ۋە پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ ئىمپېرىيە مىلادى Ⅲ ئەسىرگىچە غەربىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە دەۋران سۈرۈپ كەلگەن، پايتەختىنى كاسىپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى ھېكاتومپۇلدىن كتېسفونغا يۆتكەپ كەلگەن، 226 - يىلى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان پېرسىيە - ساسانىلار سۇلالىسى تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغان. پارفىيىلىكلەر ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پارفىيە يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. ئاھالىلىرى زوروئاستېر (زەردۇشىت) دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
پارفىيىلىكلەر | UyghurWiki | UyghurWiki