UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمېرۇلار

مېرۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر مېرۇلار <مۇېرۇلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مېرۇلار كېنىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليون 50 مىڭ، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ بەش پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مېرۇلار بانتۇ - نېگىر ئىرقىغا كىرىدۇ، ئۆزئىچىدىن چۇكا، موۋېجې، تاراكا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ، نىگېر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مېرۇ تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ، سۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ. مېرۇلارنىڭ كۆپىنچسى ئىپتىدائىي ئانىمىزم ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقىنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئارىلاشما ئىگلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئېيتلىشىچە، مېرۇلار ⅩⅤ ئەسىردە كىكيۇلارغا ئەگىشىپ تانا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۆرپ - ئادەتلىرى كىكيۇلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يېزىلىرىدا جەمەتنى بىرلىك قىلغان قەبىلە تەشكىلاتىنى ساقلاپ قالغان، ئادەتتە ئاتا جەمەتىگە قاراپ ۋارىسلىق تۈزۈمى ۋە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، ئومۇمەن قىز - ئوغۇللىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ. مېرۇلار بېلىق يېمەيدۇ. مېرۇلار بارغانسېرى كىكيۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشكە يۈزلەنمەكتە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر