ئايمارالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئايمارالار <ئايمارا ئىندىئانلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئايمارالار لاتىن ئامېرىكىسى ئىندىئانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 70 پىرسەنتى بولىۋىيە (1 مىليون 100 مىڭ)، پېرۇ (600 مىڭ) جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز قىسمى چىلىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 70 مىڭ.
ئايمارالار موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئىندىئانلار تىپىغا كىرىدۇ، ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىلىرى ئاند (ئىندىئان) تىللىرى سىستېمسى ئايمارا تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئايمارا تىلىنى قوللىنىدۇ، بىر قىسمى كېچيا تىلىنى قوللىنىدۇ. ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ئىجاد قىلغان لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقى بار.
ئايمارالار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى قۇياش ئىلاھى ۋە ئاتا - بوۋىلىرىغا نەزىر - چىراغ قىلىش ئادەتلىرىنىمۇ ساقلاپ قالغان.
ئايمارالارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئېگىزلىك رايونلىرىدا ياشاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ياڭيۇ، كۆممىقوناق، ئارپا ۋە كۆكتات قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىردىنبىر ئېگىزلىك مىللىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئايمارالارنىڭ ئاساسلىق يېمىكى ياڭيۇ بولۇپ، ئۇلار ياڭيۇ تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ئىنسانىيەتكە زور تۆھپە قوشقان.
ئايمارالارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كەمزۇل بىلەن پىلاش، ئاياللىرى يوپكا ياكى ئۇزۇن كۆڭلەك، ئۈستىگە جىلىتكە كېيىپ، بېلىنى مەھكەم باغلىۋالىدۇ، بىراق ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى غەرب پاسونىدىكى كىيىم - كېچەكلەرنى كېيىدۇ.
ئايمارالارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ئاراساستاس بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى يانۋارنىڭ 24 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە بولىۋىيىنىڭ پايتەختى لاپاسدا ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ بايرام قوغداش ئىلاھى بايرىمى دەپمۇ ئاتىلىپ، ئايمارالار بۇ كۈنلىرى بەخت ئىلاھى ئېكولغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈپ سوغا - سالام تەقدىم قىلىش، مول - ھوسۇل تىلەش، تاۋار ئالماشتۇرۇش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.