UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرجېرما - سوڭخەيلەر

جېرما - سوڭخەيلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر جېرما - سوڭخەيلەر غەربىي ئافرىقا مىللەتلىرىدىن بىر بولۇپ، <زارما>، <دېرما>، <دىئابارما> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 87 پىرسەنتى نىگېر (1 مىليون 130 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 23 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بىر قىسمى نىگېرىيە (100 مىڭ)، بوكىنافاسو (100 مىڭ)، بېنىن (60 مىڭ)، گانا(20 مىڭ) قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 180 مىڭ، جېرما - سوڭخەيلەر نىگېر جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئىككىنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. جېرما - سوڭخەيلەر بەربەرلەر بىلەن تۋارىگلارنىڭ قان سىستېمسى ئارىلاشقان نېگىر ئىرقى سۇدان تىپىغا كىرىدۇ. نىلوت - سەھرا تىللىرى سىتېمىسى سوڭخەي تىللىرى گۇرۇپپسىغا تەۋە سوڭخەي تىلى جېرما دېئالېكتىنى ۋە جېرما يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. جېرما - سوڭخەيلەرنىڭ 85 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان.جېرما - سوڭخەيلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقتىن ئىبارەت ئارىلاشما ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا خاسىڭ، بۇغداي، شال،كېۋەز، مانىخوت قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. جېرما - سوڭخەيلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ نىگېر دەرياسىنىڭ ئەگمىسى ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەن. Ⅶ ئەسىردىن تارتىپ سوڭخەي ئىمپېرىيسى تۇنجى خاندارلىقى - دىيا خانلىقىنى بەرپا قىلغان. ⅩⅤ ئەسىردە ئىمپېرىيە راسا گۈللىنىپ ھازىرقى نىگېرىيىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم زېمىنىغا قاراپ كېڭەيگەن، جېرما - سوڭخەيلەر گەرچە نىگېر جۇمھۇرىيىتى نوپۇسىنىڭ 23 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نىگېرنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا سىياسىي جەھەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. جېرما - سوڭخەيلەرنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا نىل رەڭلىك يەرلىك رەختتىن تىكىلگەن نىمچە كېيىدۇ، سول مەڭزىگە قەبىلە بەلگىسىنى چېكىۋالىدۇ، قەبىلە ئاقساقاللىرى يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالىدۇ. ئاياللىرى ئەركىن كېلىدۇ.جېرما - سوڭخەيلەر قۇربان ھېيتنى بىر قەدەر تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر