UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمۇندالار

مۇندالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر 1(ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچى مۇندا تىللىرى گۇرۇپپسى )كولارىئان تىلى گۇرۇپپىسى( غا تەۋە تىلدا سۆزلىشىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى، جۈملىدىن ھىندى بۇراكۇمىنلىرىنىڭ بىر قىسمى، ئۇلار: خو، كاخارىيا، كوركۇ، جۇئانگى، كولى، تۇرى، ئاسورى، ساۋارا، گادابا، بخۇمىدژى ۋە سانتال قاتارلىق مىللەت - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 7 مىليون 500 مىڭ. ئۇلار ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاھالىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كېيىن دراۋېدلار ۋە ھىندى ئارىئانلىرى تەرىپىدىن ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغ ئورمانلىقى ئىچىگە ھەيدىۋېتىلگەن. 2) ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەت نامى. ئاھالىسىنىڭ 8.98 پىرسەنتى ھىندىستاننىڭ بىخار ۋە ئورىسا شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليون 620 مىڭ. مۇندالار ئانىمىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بولۇپمۇ قۇياشقا چوقۇنىدۇ. ئاھالىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، پۇرچاق قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ تەرەققىي قىلغان. مۇندالار ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە پومېشچىك، خان - غوجىلارنىڭ زۇلمىنى كۆپ تارتقان. مۇندالارنىڭ خېىلى كۆپ قىسمى پاترىئارخاللاىق باسقۇچىدا ياشايدۇ، مال - مۈلۈكلىرى كەنجى ئوغۇل بالاغەتكە يەتكەندە، پەرزەنتلىرى ئىچىدە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ، ئاياللارنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىى بولمايدۇ. مۇندالار ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىكە يول قويۇلمايدۇ ۋە بۇلاپ كېتىپ نىكاھلىنىش (ياكى ئېلىپ قېچىپ نىكاھلىنىش) ئادىتىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان. مۇندالار مېيتنى كىيىم - كېچەك، نەرسە - كېرەكلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، قەبرە تېشى ئورنىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
مۇندالار | UyghurWiki | UyghurWiki