ھىندى - ئارىئانلىرى
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ھىندى - ئارىئانلىرى قىسقىچە <ئارىئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار قەدىمكى ئىران ۋە ھىندستاندا ياشىغان ئاساسلىق ئاھالىلەرنىڭ بىرى.
ئارىئانلارنىڭ ئەسلى ماكانى ھازىرقى بالقان يېرىم ئارىلىدىن جەنۇبىي روسىيە ئوتلاقلىرىغىچە بولغان كەڭ رايون بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جەنۇبقا كۆچۈشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅹ ئەسىردە گرېتسىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن، كېيىن پەيدىنپەي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا كۆچكەن. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا، ئىران ۋە ھىندىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئەجدادىغا ئايلانغان. شۇلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان ھىندى - ئىرانلىقلار بىر دەۋر جاي - جايلاردا سەرسان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ، سىر دەريالىرى ئەتراپىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅣ ئەسىرلەرگە كەلگەندە، ھىندى - ئىرانلىقلارنىڭ بىر تارمىقى ھىندىستان يېرىم ئارىلىغا كىرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار تارىختا <ھىندى - ئارىئانلىرى> دەپ ئاتالغان؛ يەنە بىر تارمىقى مىلادىدىن ئاۋۋالقى ⅩⅩ ئەسىرلەردە ئىرانغا كىرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار تارىختا <ئىران - ئارىئانلىرى> دەپ ئاتالغان.
ھىندى - ئارىئانلىرى مىلادىدىن ئىلگىركى ⅩⅩ ئەسىردە ھىندىستاننىڭ ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى يەتتە دەريا ئېقىمى ئەتراپىغا كېلىپ كۆچمەن چارۋىچىلىق، قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن گانگ دەرياسى ۋە جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا كېڭىيىپ دراۋېد قاتارلىق يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان.
ھىندى - ئارىئانلىرى مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە 20 نەچچە ئۇششاق بەگلىك دۆلەت شەكىللەنگەن. ھىندى - ئارىئانلىرى ھىندىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلانغان. ئۇلار ھىندى ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە ئارىئان تىللىرىدا سۆزلەشكەن ھەمدە كۆپ خىل ئىلاھلارغا چوقۇنغان.
ھىندى - ئارىئانلىرى توغرىسىدىكى رىۋايەت، ئەپسانە، قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى ئېپوسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت تۇرمۇشى توغرىسىدىكى قەدىمكى پارىسلارنىڭ دىنىي دەستۇرى <ئاۋېستا> كىتابىدا قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ كېيىن پارىس ئەدەبىياتىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان.
ھىندى - ئارىئانلىرى توغرىسىدا ئەھۋاللار ھىندىستاندىكى ۋېدا دىنىنىڭ دەستۇرى <ۋېدا> دا قەيت قىلىنغان. ۋېدا دىنى كېيىن بېرىپ، ھىندىستاندا براخمان دىنى بىلەن ھىندى دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.