UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئوۋىمبۇندۇلار

ئوۋىمبۇندۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئوۋىمبۇدۇلار ئانگولادا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ئومبۇندۇلار>، <مبۇندۇلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوۋىمبۇندۇلار بىلەن مبۇندۇلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 900 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 7.58 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئوۋىمبۇندۇلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسى (بەزىدە بانتۇ تىللىرى سىستېمىسى غەربىي بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپىسى دېيىلىدۇ) غا تەۋە ئوۋىمبۇندۇ تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق، پورتۇگال تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ئوۋىمبۇندۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.ئوۋىمبۇندۇلارنىڭ 90 پىرسەنتى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى ۋە چارۋىچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا قەھۋە، ئاگۋا كەندىرى، شېكەر قۇمۇچى، كۆممىقوناق، شال، تېرىق، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ۋە ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرىلىدۇ.ئوۋىمبۇندۇلار بانتۇلارنىڭ بىر قىسمى. ئوۋىمبۇندۇلارنىڭ روژدېستۋو ۋە غەلىبە تەنتەنىسى بايرىمى (ھەر يىلى 27 مارت ئۆتكۈزىلىدۇ) قاتارلىق دىنىي - ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئوۋىمبۇندۇلار | UyghurWiki | UyghurWiki