ئۇرۇگۋايلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) ئۇرۇگۋايلىقلار ئۇرۇگۋاي جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 3 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ 80 پىرسەنتى شەھەر - بازارلارغا جايلاشقان.
ئۇرۇگۋايلىقلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. برازىلىيىگە چېگىرىداش جايلاردىكى ئۇرۇگۋايلىقلار پورتۇگال تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ.
ئۇرۇگۋايلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا، ئاز بىر قىسمى يەھۇدى دىنى بىلەن پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئۇرۇگۋايلىقلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، شال، زىغىر، ئاپتەپپەرەس، قىزىلچا، ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا كالا بىلەن قوي بېقىلىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتى پۈتۈن ئېكىسپورتنىڭ 85 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
(2) ئۇرۇگۋايدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 1.96 پىرسەنتى ئۇرۇگۋاي جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 89 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئارگېنتىنا، برازىلىيە، ئاۋىسترالىيە، ئامېرىكىدىمۇ بىر قىسىم ئۇرۇگۋايلىق بار. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 680 مىڭ.
ئۇرۇگۋايلىقلار ئاقتەنلىكلەرنى ئاساس قىلغان ئارىلاشما قان تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. يېزىقى بار.
ئۇرۇگۋايلىقلار ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئۇرۇگۋايلىقلار چارۋىچىلىق، قوشۇمچە يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزىلىرى قورۇق - قورۇق بولۇپ تەشكىللىنىپ جايلاشقان.
ئۇرۇگۋايلىقلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچە، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئۇزۇتۇش، ئەدەپ - قائىدە قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى لاتىن ئامېرىكىسى مىللەتلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
ئۇرۇگۋايلىقلار تەنتەنە، كىرىئول (ھەر يىلى فېۋرالدا ئۆتكۈزىلىدۇ) بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار.
ئۇرۇگۋايلىقلارنىڭ تەنتەنە بايرىمى ھەر يىلى 2 - 3 - ئايلار ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ 7 كۈن داۋام قىلىدۇ.
ئۇرۇگۋايلىقلار تۈز، ئوچۇق، ساددا ۋە ناخشا ئۇسسۇلغا ئامراق كېلىدۇ.
ئۇرۇگۋايلىقلارنىڭ بۇقا سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، پۇتبۇل، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بار.
ئۇرۇگۋايلىقلار ئادەتتە كۆك رەڭنى يامان كۆرىدۇ. <13> رەقەم بىلەن سەيشەنبە كۈنىدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.
ئۇرۇگۋايلىقلار ئاياللارنىڭ يېشىنى، توي قىلغان قىلمىغانلىقى، تەرجىمھالىنى، مائاش كىرىمىنى، كىيىم - كېچەك، بېزەك بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق خۇسۇسىي تۇرمۇشقا دائىر مەسلىلەرنى توغرىدىنتوغرا سوراشنى ئېغىر ئالىدۇ.
ئۇرۇگۋايلىقلارنىڭ ئىسىم، فامىلىسى، لاتىن ئامېرىكىسىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر ئىچىدە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ كېلىدۇ، ئۇلاردا ئىسىم، فامىلىسىنىڭ رېتى مۇنداق: ئىسىم، ئىككىنچى ئىسىم، ئاتىسىنىڭ فامىلىسى ۋە ئانىسىنىڭ فامىلىسىدىن ئىبارەت.
ئۇرۇگۋايلىقلاردا قىزلار ياتلىق بولغاندىن تارتىپ ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ. ھەمدە ئېرىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئالدىغا <دې> خېتىنى قوشۇپ ئاتايدۇ. بۇ شۇ ئايالنىڭ مەلۇم ئەرگە تەۋەلىكىنى بىلدۈرىدۇ.