موڭلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
موڭلار ئۆزىنى <موللار> (كىشى مەنىسىدە) دەپ ئاتايدۇ؛ بىراق ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ <مونلار>، <موئاللار>، <موئېبلار>، <ئائوتالار> قاتارلىق كۆپ خىل ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.
موڭلار ۋيېتنام جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليونغا يېقىن، ئۇلار ئاساسەن ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى خېپىڭ، چىنخۋا، ئەنپېي، خۇاڭ ليەنشەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلاشقان.
موڭلار موڭغۇل ئىرقى جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ؛ ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكى كۆپ خىل ئىلاھ بىلەن توتېمغا چوقۇنىدۇ. موڭلارنىڭ تىلى قايسى تىل سىستېمىسىغا تەۋەلىكى تېخى بېكىتىلمىدى، ئۇلار ۋيېت تىلىغا يېقىن موڭ تىلىنى قوللىنىدۇ. موڭلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا، ئاساسەن شال ، كېۋەز، كۆممىقوناق، بامبۇك، چاي قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ؛ موڭلاردا دېھقانچىلىق ئەمگىكى بىلەن كۆپىنچە ئاياللار شۇغۇللىنىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى ھېسابلىنىدۇ.
موڭلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە ئېتنىك تەركىبى ۋيېتلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇلار قەدىمكى <ئويۆلەر> نىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ۋيېتلار بىلەن موڭلار تەخمىنەن Ⅹ ئەسىرلەردە بۆلۈنىپ ئىككى مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
موڭلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ جايلىرى بامبۇك ياغىچىدىن چاتما قىلىپ ياسىغان ئىككى قەۋەتلىك ئۆي بولۇپ، ئۈستىدە يېتىپ قوپىدۇ، ئاستىدا تېرىلغۇ ئۇلاقلىرى بېقىلىدۇ.
موڭلار كۆپىنچە ئاق رەختتىن تىكىلگەن يۇمىلاق ياقىلىق قىسقا كۆڭلەك، ئاياللىرى يوپكا كېيىدۇ، بېشىنى ئاق ياغىلىق بىلەن ئورىۋالىدۇ. موڭلار مىس دۇمباقنى ھوقۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ.
مۇڭلار ناخشا خۇمار مىللەت بولۇپ، ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن ۋە باشقا خۇشاللىق كۈنلىرى مىس دۇمباق ۋە جاڭ بىلەن كوللېكتىپ ناخشا ئېيتىشىدۇ.