سارماتىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سارماتىلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادى Ⅳ ئەسىرگىچە بولغان مەزگىلدە جەنۇبىي روسىيە يايلاقلىرى بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى كەڭ رايوندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى.سارماتىلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ئىران تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ئىران تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى شىمالىي ئىران تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىل بىلەن سۆزلىشىپ كەلگەن.
سارماتىلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەسلىدە قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي يەنى ئارال دېڭىزى قىرغاقلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي رايونىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرگە كەلگەندە، غەربىي شىمال تەرەپكە كۆچۈپ، ئورال ئېدىرلىقى ئەتراپىغا يېتىپ كەلگەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگە كەلگەندە، ئورال دەرياسى بىلەن دون دەرياسى ئارىلىقىدىكى يايلاقلارنى ئىشغال قىلىۋالغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىكىفلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرگە كەلگەندە سىكىفلار قەبىلىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، جەنۇبىي روسىيە يايلىقىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان.
سارماتىلار مىلادى Ⅰ ئەسىرگە كەلگەندە رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن دۈشمەنلىشىش دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان؛ Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە داكىيە (ھازىرقى رۇمىنىيە ئەتراپى) گە بېسىپ كىرگەن. Ⅲ ئەسىرگە كەلگەندە گوتلار، ئۇنىڭدىن كېيىنرەك ھۇنلار ۋە ئاۋارلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ زەئىپلەشكەن.
سارماتىلار ئوتقا چوقۇنغان، تەڭرىگە ئاتاپ ئاق ئاتنى قوربانلىق قىلغان، سارماتىلاردا ئاياللار بىر نەچچە دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ياتلىق بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيتتى. ئاياللار ياتلىق بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا قاتناشماي ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇراتتى.
سارماتىلار مېيتنى بىر مۇنچە ئاخىرەتلىكلىرى بىلەن قوشۇپ، ئات تېرىسىگە يۆگەپ يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلاتتى.
سارماتىلار جەڭ قىلىشقا ماھىر مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قورالى نەيزە، قىلىچ ۋە ساۋۇت قاتارلىقلار ئىدى. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە تۆمۈردىن قورال - جابدۇقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىلگەن.
سارماتىلار قەدىمكى رىم، خارەزم، پېرسىيە ۋە سىر دەرياسى ۋادىسىدىكى ئەللەر بىلەن ئەلتېرە، ھەسەل، بېلىق ۋە مېتال بۇيۇملىرى قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ كەلگەن.
سارماتىلار Ⅵ ئەسىرگە كەلگەندە ئاساسەن تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولۇپ، باشقا مىللەتلەر تەرىپىىدن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنغان.