UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربۇتانلىقلار

بۇتانلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بۇتانلىقلار ئۆزىنى <جۇپا>، <بروگپا> دەپمۇ ئاتايدۇ. ئۇلار بۇتان پادىشاھلىقىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاساسەن بۇتاننىڭ غەربىي يېرىم قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسىنى تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇتانلىقلار موڭغۇل ئىرقى جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ،خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سونكا تىلىنى (بوتان تىلىنى) قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار. يۇنانلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاما دىنى جۇپا گېجۇي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى جىن - شاياتۇنلارغا چوقۇنىدۇ، لاما دىنى بۇتاندا دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇتانلىقلارنىڭ كۆپچىلىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن شال، بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، ئاياللىرى توقۇمىچىلىق، گىلەمچىلىك، ئۆرىمچىلىك، ياغاچ ئويمىچىلىقى قاتارلىق ھۈنەر - سەنئىتىگە ماھىر، بۇتانلىقلارنىڭ مىس ۋە ياغاچ ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ خېلىلا داڭقى بار. بۇتانلىقلار ئاساسەن گۈرۈچ، بۇغداي، ئارپا قاتارلىقلارنى ئاساسىي يىمەكلىك قىلىدۇ. گۆش، سۈت، قايماق، سېرىق ماي، كۆكتاتنى قوشۇمچە قىلىدۇ، قىزىلمۇچ (لازا)، سۈتلۈك چاي، بوزا قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. بۇتانلىقلاردا قىز - يىگىتلەر ئۆزىگە ئەركىن جورا تاللايدۇ، نىكاھتىن ئاجرىلىشمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدۇ، بۇتانلىقلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ، بىراق بىر ئەر كۆپ بولغاندا ئۈچ خوتۇنلۇق بولۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، مال - مۈلۈككە چوڭ ئوغۇل، بەزى جايلاردا قىزنىڭ چوڭى ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇتانلىقلار مېيىتنى ئۆيىدە نەچچە كۈن ساقلاپ، ئاندىن دەپنە قىلىدۇ. ئۇلار مېيتنى كۆيدۈرۈش مەيدانىغا ئېلى بارغاندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ ئوغلى ياكى يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مېيتقا ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى دەرياغا تۆكۈۋېتىدۇ. ناۋادا مەرھۇم يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن قازا قىلغان بولسا، ئاۋۋال ئۈچ كۈن يەرگە كۆمۈپ قويىدۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن مېيىتنى ئېچىۋېلىپ، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. بۇتانلىقلار قارا قاغىنى مۇقەددەس جانىۋار دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلاردا قارا قاغىنى ئۆلتۈرگۈچىلەر بىر لامانى ئۆلتۈرگەنلەر قاتارىدا جازاغا تارتىلىدۇ. بۇتانلىقلار ئۆچكە ساقال قۇيۇشنى يامان كۆرىدۇ، ئۇنى تاپتىن چىققانلىق دەپ قارايدۇ. بۇتانلىقلار ئەجدەرھا بىلەن ئاق رەڭنى مۇقەددەس دەپ ھېسابلايدۇ. بۇتانلىقلار مېيىت چىققان ئۆينى بىتەلەي ئۆي دەپ قارايدۇ، شۇڭا يېزىلىرىدا ئادەتتە تاشلاپ كەتكەن ئىگىسىز ئۆيلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇتانلىقلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، خەلق قوشىقى، رىۋايەت، بالىلار چۆچەكلىرى، ھېكايە تەمسىل قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇتانلىقلار ئىچىدە ساداق بىلەن قارىغا ئېلىش، دېسكا ئېتىش، چېلىشىش، ئات بەيگىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خېلىلا ئومۇملاشقان، بۇتانلىقلارنىڭ مۇزىكا ۋە ئۇسسۇللىرى قويۇق مىللىي ۋە دىنىي تۈسكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر