UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمەراكەشلىكلەر

مەراكەشلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر مەراكەشلىكلەر مەراكەشتە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <مەراكەش ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ 9.94 پىرسەنتى مەراكەش پادىشاھلىقىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 17 مىليون 280 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 74 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا فرانسىيە، ئالجىرىيە، لىۋىيە ۋە تۇنىستىمۇ نەچچە ئونمىڭلىغان مەراكەشلىك بار. مەراكەشلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا فرانسۇز تىلىنىمۇ قوللىنىدۇ. مەراكەشلىكلەرنىڭ 95 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىسلام دىنى ئۇلاردا دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ. مەراكەشلەرنىڭ 53 پىرسەنتى ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچلىقتا بۇغداي، ئارپا، كېۋەز ۋە مېۋە - چېۋە ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات، تۆگە بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. مەراكەشلىكلەر يەرلىك بەربەرلەر ۋە بىر قىسىم سىرتتىن كەلگەن ئىبېرىيانلار، يەھۇدىيلار بىلەن Ⅶ - ⅩⅡ ئەسىرلەردە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئەرەبلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي شەكىللەنگەن مىللەت.مەراكەشلىكلەرنىڭ قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، مەۋلۇدتىن باشقا، خورما بايرىمى، بادام بايرىمى، گىلاس بايرىمى، گۈل بايرىمى ۋە كېلىن بايرىمى قاتارلىق مەھەللىۋى تۈس ئالغان ئەنئەنۋى بايراملىرى بار. مەراكەشلىكلەرنىڭ مېھماندارچىلىق سەنئىتى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇنى ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى مۇنار - پەشتاقلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەراكەش شەھىرىگە يېقىن ئاتلاس تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان <پۇراقلىق مۇنار> مەشھۇر بولۇپ، بۇ مۇناردىن كىشنى مەسخۇش قىلىدىغان خۇشپۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ مەراكەش خەلقى ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ھېسابىلىنىدۇ، مەراكەشلىكلەرنىڭ دېھقانچىلىق رايونىدىكىلىرى تۈز ئۆگزىلىك كېسەك ئۆيلەردە، چارۋىچىلىق رايونىدىكىلىرى قارا كىگىز چېدېرلاردا ئولتۇرىدۇ. مەراكەشلىكلەر ئومۇمەن ئاق رەڭنى پېقىر - نامراتلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئاق رەختتىن تىكىلگەن كىيىم - كېچەكلەرنى كېيمەيدۇ. مەراكەشلىكلەر بېلىق ۋە كەپتەر، سەمەندەر (سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ياشايدىغان بىر خىل كەسلەنچۈك) قاتارلىق جانۋارلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىدۇ. مەراكەشلىكلەر ئەدەپ - قائىدىلىك مىللەت بولۇپ، ئۇلار سورۇنلاردا قىيا - چىيا قىلىشنى، ئەسنەپ - كېرىلىشنى، ئاچچىقلىنىش ۋە ھاياجانلىنىپ كېتىشنى، باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلىشنى، كىشلەر ئارقىسىدىن سۆز - چۆچەك تارقىتىشنى يامان كۆرىدۇ. مەراكەشلىكلەر دۇنيا تارىخىدا جاھان كېزىپ مۆجىزە ياراتقان مەشھۇر ساياھەتچى، ئېكسپىدىتسىيىچى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللا ئىبنى بەتتۇتە (1304 - 1377) ۋە ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى <ئىبنى بەتتۇتە ساياھەت خاتىرسى> (جاھان مۆجىزاتلىرى ھەققىدە خاسىيەتلىك يادنامە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن پەخىرلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر