قازاقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
قازاقلار قازاقىستان بىلەن ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 9 مىليون 560 مىڭ، ئۇنىڭ 6 مىليون 535 مىڭى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 70.39 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ 1 مىليوندىن كۆپرەكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراقلاشقان، 1 مىليوندىن كۆپرەكى ئۆزبېكىستان، روسىيە فېدېراتسىيىسى، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە، ئاففانىستان، ھىندىستان، پاكىستان ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نۆۋەتتە شەھەر نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 57 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
قازاقلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي سىبىر تىپىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى قىپچاق (غەربىي ھۇن) تىلى تارمىقىغا تەۋە قازاق تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، قازاقىستان قازاقلىرى سىلاۋىيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنى قوللىنىدۇ؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكىلىرى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى قازاق يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
قازاقلار ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، قىسمەن چارۋىچىلىرى ئىچىدە دىنىنىڭ قالدۇقلىرىمۇ ساقلىنىپ قالغان.قازاقلار ئاساسەن چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىقى ئات، قوي باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىقىدا، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن باشقا، كېۋەز، قىزىلچا، تاماكا ئۆستۈرىلىدۇ.
قازاقلار، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. قازاقلارنىڭ يىراق ئەجدادى - ئۇسۇنلار بىلەن قاڭلىلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ - Ⅰ ئەسىرلەردە ئىلى دەرياسى، يەتتىسۇ ۋە ئىسسىقكۆل ئەتراپىدا ياشاپ پەيدىنپەي ئۇلغايغان ھەمدە سىنىپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. ئۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا قىسمەن ساكلار، تۈركلەر، توخرىلار، ھۇنلار، سۇغدىلار، ئالانلار، تۈركەشلەر، موڭغۇللار، مىركىتلەر، قارلۇقلار، نايمانلار، كېرەيلەر ۋە قىپچاقلار قاتارلىق قەدىمكى نۇرغۇن قەبىلە - قوۋملارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ⅩⅤ - ⅩⅥ ئەسىرلەردە رەسمىي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق جايلىرى چارۋىچى مىللەتلەرگە ئوخشاش بولۇپ، باھار، ياز، كۈز پەسىللىرىدە كىگىز ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئىشەنچىلىك ماتېرىياللارغا قارىغاندا، قازاقلارنىڭ يىراق ئەجدادى بولغان ئۇسۇنلار زامانىدىن تارتىپلا بۇ خىل كىگىز ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ كەلگەن. بۇ خىل كىگىز ئۆي ئاساسەن كېرىي (ياغاچ چېتىق)، ئۇۋۇق (ئۇزۇن ياغاچ)، چاڭغىراق (ياغاچ تۈڭلۇك)، ئىشىك ۋە كىگىزدىن تەركىب تاپىدۇ، يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ، ئادەتتە <تۇراقلىق> ۋە <تۇراقسىز> دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيلىرى ئاددىي ھەم تۇراقسىز، چۇۋۇپ ئېلىپ كېتىشكە قولايلىق بولىدۇ، يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرى بىر قەدەر تۇراقلىق بولىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا چۇۋۇلمايدۇ؛ ئومۇمەن كىگىز ئۆي ئىچى رەڭگا - رەڭ بىزەكلەر بىلەن بېزىلىدۇ، قازاقلار قىش كۈنلىرى كېسەك، تاش ۋە ياغاچ قاتارلىقلار بىلەن سېلىنغان بىر قەۋەتلىك ئاددىي ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. بىراق قازاقلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىردقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ خىل ئۆي - جاي شارائىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئاساسەن مۇقىم ئولتۇراقلىشىش، زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەندى.
قازاقلار ئادەتتە گۆش بىلەن سۈت - قايماقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلاتتى، بىراق ھازىر كۆپىنچىلىرى ئۇندىن قىلىنغان بوغۇرساق، نان، بولكا، شويلا، پولو، نارېن قاتارلىق غىزالارنى ئىستېمال قىلىدىغان بولدى.
قازاقلاردا ئاساسەن بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلاردا يىگىت - قىزلارنىڭ توي مەرىكىسى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتىدۇ. توي مەرىكىلىرىدە ئەر - ئاياللار جۈپ - جۈپ بولۇپ جىر (بېيت) ئېيتىشىپ ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ئەقىل - پاراسەت ۋە ماھارىتىنى سىنىشىدۇ، <بېت ئاشۇۋ> (يۈز ئاچقۇ) ۋە <يار - يار> قاتارلىق ناخشا - قوشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. قازاقلاردا چوڭ ئوغۇل ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىدۇ، كىچىك ئوغۇل ئاتا - ئانىسىنىڭ تەئەللۇقاتىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.
قازاقلارنىڭ روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە نورۇز قاتارلىق ھېيت - بايراملىرى بار. نورۇز بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ھەر قايسى جايلاردا بىردەك بولمايدۇ، كۆپىنچە ھەر يىلى شەمسىيە 1 - ئاي (مىلادى 3 - ئاي) دا ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز بايرىمى كۈنى قازاقلارنىڭ ھەممە ئائىلىلىرىدە <كۆجە> (نورۇز ئېشى) ئېتىلىدۇ.
قازاقلاردا ئەنئەكنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويونى ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە <قىز قۇۋار>، ئۆلەڭ ئېيتىشىش، ئاقىنلار بەزمىسى، ئات بەيگىسى، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، ئات ئۈستىدە تۇرۇپ يەردىن تەڭگە ئېلىش، بۇقا بىلەن ئېلىشىش، چام سېلىپ تاغاق سۆڭەكنى سوندۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىقلار قازاق خەلقى ئىچىدە خېلىلا ئومۇملاشقان. بۇ پائالىيەتلەر كۆپرەك ھېيت - ئايەم مەرىكە كۈنلىرى ياكى ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئېلىش يۈزىسدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
قازاقلار ئاقكۆڭۈل، قىزغىن، خۇش چاقچاق، مېھماندوسىت كېلىدۇ. قازاقلار <ئۆيگە مېھمان كەلسە بەرىكەت كېلىدۇ> دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھۈرمىىت ئۈچۈن قوي سويۇپ ئەت ئېسىپ قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، يىراقتىن كەلگەن مېھماننى قوندۇرۇپ قالىدۇ، ھەرگىز كەچتە يولغا سالمايدۇ. قازاقلار ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە مېھمان ئالدىغا داستىخان سېلىنغاندىن كېيىن، ساھىپخان قوينىڭ بېشىنى گۆش بىلەن لېگەنگە سېلىپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويىدۇ، مېھمان باشنىڭ ئوڭ ياڭىقىدىن بىر توغرام كېسىۋېلىپ ئاغزىغا سالىدۇ، باشنىڭ بىر قۇلىقىنى كېسىپ ساھىپخاننىڭ كىچىك بالىسىغا بېرىدۇ، ئاندىن باشنى ساھىپخانغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
قازاقلار خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا باي، ئۇلار ئىچىدە <جاساغان>، <قىرىق باتۇر>، <ئابلەي>، <سابالاق>، <قابانباي ئوغلى قىسسىسى>، <قوزى كۆرپەش - بايان سۇلۇۋ>، <ئالدار كۇسا>، <قوجا ناسىر>، <تازچاقنىڭ قىرىق يالغىنى>، <قىز - جىبەك> قاتارلىق رىۋايەت، قىسسە ۋە چۆچەكلەر بىر قەدەر كەڭ تارقالغان.
قازاقلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى تارىخشۇناسلىق، ئەدەبىيات، پەلسەپە، قانۇنشۇناسلىق، ئىلىم - پەنگە دائىر يازما مىراسلارغا ئىگە. ئۇلاردىن ⅩⅤ - ⅩⅣ ئەسىردە پۈتۈلگەن <چىڭگىزخان تەزكىرىسى> ،<قازاقلار شەجەرىسى>، <ئەۋلىيا ۋە ئەنبىيالار تەزكىرىسى>، <قىسسەسۇلئەنبىيا> ،<يۈسۈپ - زىلەيخا>، 1353 - يىلى ئەخمەدخارەزىمى تەرىپىدىن يېزىلغان <مۇھەببەتنامە>، قازاق خانلىقى دەۋرىدە (1456 - 1822) پۈتۈلگەن <تەۋكىخان قانۇنى>، <قاسىمجان قانۇنى>، <قىپچاقلار تارىخى>؛ Ⅷ ئەسىردە ئۆتكەن پەيلاسوپ ۋە مۇتەپپەككۇرلارنىڭ شەرىپىگە كېيىن پۈتۈلگەن <كىتاب دەدە قۇرقۇت> قاتارلىقلار مەشھۇر. ⅩⅤ ⅩⅧ ئەسىر قازاق مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ راۋاج تاپقان دەۋرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، قاز تۇرغان، دوسپانېتد (1490 - 1523)، شالكېر (1465 - 1560)، ئاقتانبەردى (1675 - 1768)، ئومبېتاي (1706 - 1778)، بۇقارا (1693 - 1778)، كوتېش (1745 - 1818) قاتارلىق ئاقىن (شائىر) ۋە ئەدىبلەر بارلىققا كېلىپ قازاق يېقىنقى زامان يازما ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان. قازاق يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ كۆپلىگەن مۇتەپەككۇر يازغۇچى شائىر، تارىخچى، جۇغراپىيىشۇناس ئالىملار بارلىققا كەلگەن. مەسلەن: قازاق مۇتەپپەككۇرى، قازاق يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ پېشىۋاسى ئاباي قۇنانبايېۋ (1845 - 1904)، مەشھۇر يازغۇچى ۋە شائىر ئەسقەت نايمانباي (1864 - 1922)، تاڭجارىق (1903 - 1947)، جۇغراپىيىشۇناس، ئېكىسپېدىتسىيىچى چوقان چىڭگىز ئوغلى ۋەلىقانوۋ (1835 - 1865) قاتارلىقلار شۇ دەۋردە يېتىشىپ چىققان مەشھۇر زاتلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ.
قازاقلار <ئاقىن> لار (خەلق قوشاقچىلىرى، ناخشىچىلىرى) نى بەكمۇ ھۈرمەتلەيدۇ.
قازاق ئاياللىرى كەشتە ئىشلەشكە ماھىر كېلىدۇ، بۇنى قازاقلارنىڭ تەقىيە (دوپپا)، پوسما، لىچەك (رومال) يوپۇچ، مالىقاي (قالپاق)، كىگىز - شىرداق، بۆشۈك جابدۇقلىرى، ئورۇن - كۆرپە، ساندۇق - كارۋات ياپقۇچلىرى ۋە ئەر - ئايالچە كىيىم - كېچەك، قول - ياغلىق، ھەميان، تاماكا خالتىسى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئىشلىگەن كەشتىلىرىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
قازاقلارنىڭ يىراق ئەجدادى بولغان ئۇسۇنلار بۆرىنى توتېم قىلغانلىقتىن، قازاقلاردا بۆرىنى <قاسقېر> دەپ ئاتاپ ئۇنى ئۇلۇغلاش ئادىتى بار.
قازاقلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ. قازاقلار مېھماننىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئتتىن چۈشۈشىنى ئېغىر ئالىدۇ، چۈنكى بۇنى شۇم خەۋەردىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدۇ، قازاقلار ئات - ئۇلاق باغلايدىغان ئارقاندىن ۋە داستىخاندىن ئاتلاپ ئۆتۈشنى، ئۆيگگ كىرگەندە يېمەكلىك قويىدىغان ساندۇقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشنى، پۇتىنى سوزۇپ تاپىنىنى كىشىگە قارىتىپ ئولتۇرۇشنى يامان كۆرىدۇ. قازاقلار ياشانغان، مويسىپىت كىشلەرنىڭ ئىسمىنى توغرىدىنتوغرا ئاتىمايدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، ئۆز - ئارا ھەمسۆھبەتتە بولغاندا بۇرنىنى كولىمايدۇ، تۈكۈرمەيدۇ ۋە مىشقىرمايدۇ، قازاقلار مۈشۈكياپىلاقنى خاسىيەتلىك قۇش، ئاققۇنى پاكىلقنىڭ، قەلبى گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزى ئۆتكۈر كېلىدۇ، ئۇنى تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ پېيىنى بالىلارنىڭ مەيدىسىگە تاقاپ قويىدۇ. قازاقلار قىرىق، يەتتە ۋە توققۇز رەقەملىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
قازاقلار يات كىشلەرنىڭ ئۆي ئىگىسىنىڭ بالىلىرىنى ماختاشنى ۋە باققان مال - چارۋىسىنى سانىشىنى بەك يامان كۆرىدۇ. جۈملىدىن يىلقا ۋە چارۋا - ماللارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈشنى، چارۋىلارنىڭ بېشىغا كالتەك بىلەن ئۇرۇشنى، قوينى پۇت بىلەن تېپىشنى يامان كۆرىدۇ.
قازاقلاردا قەدىمدىن تارتىپ ئوتقا چوقۇنۇپ، ئوتنى ئىززەتلەش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن. قازاقلار يايلاقنى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ، شۇڭا كىشلەرنىڭ يايلاقتىكى كۆك ئوت - چۆپلەرنى دەسسىشىنى ۋە ئۇنى يۇلۇشىنى يامان كۆرىدۇ؛ قۇياش، ئاي ۋە قىبلىگە قاراپ تەرەت قىلمايدۇ، قىبلىگە پۇتىنى سۇنۇپ ياتمايدۇ. بەزى جايلاردا ياشىغۇچى قازاقلاردا يىلانغىمۇ چوقۇنۇش ئادىتى بار، ناۋادا يىلان ئۆيىگە كىرىپ قالسا ئۇنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيدۇ.
قازاقلار ئادەتتە سەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى سەپەرگە چىقمايدۇ، بۇ ئىككى كۈندە سەپەرگە چىقسا پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ دەپ قارايدۇ.
قازاقلار ئۆي ئىچىدىكى ساندۇقنىڭ ئۈسىتدە ئولتۇرۇشنى ئېغىر ئالىدۇ، چۈنكى بۇ ساندۇقتا نان، تۇز ۋە باشقا يىمەكلىكلەر ساقلىنىدۇ.
قازاقلار ئۇزاق زاماندىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ھەمدە ۋەقەلەرنى خاتىرلەش، كىشلەرنىڭ يېشىنى ھېسابلاش ئۈچۈن، نورۇز كۈنىنى يەنى مىلادى 20 - مارتنى يىل بېشى قىلىپ 12 ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان مۆچەل كالېندارىنى قوللىنىپ كەلگەن.