تاماڭلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تاماڭلار نېپال پادىشاھلىقىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن نېپالنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە كاتماندۇ جىلغىسىنىڭ شەرقىي، غەربىي ئىككى ياقىسىدىكى تاغلىق رايوندا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان .
ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، نېپال ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
تاماڭلار مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ؛ خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تاماڭ تىلىنى قوللىنىدۇ، نېپال تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ.
تاماڭلار ئاساسەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىراق ھىندى دىنىدىكىلەرنىڭ داسائىن قاتارلىق ھېيىت - بايراملىرىنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ؛ لاما دىنىنىڭ تەسىرىمۇ ساقلاپ قېلىنغان.
تاماڭلار ئاساسەن ئېگىزلىك دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق ۋە ياڭيۇ قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. تاماڭلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، توقۇمچىلىقى ئومۇملاشقان.
تاماڭلاردا ئۇرۇقلارنىڭ سىرتىدىن نىكاھلىنىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بەزى قەبىلىلىرىدە قىزنى ئېپقېچىپ نىكاھلىنىش ئادەتلىرى ھېلىمۇ ساقلىنىپ كەلگەن.
تاماڭلار مېيىتنى تاغ چوققىسىغا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. يول، تاغ ئېغىزلىرى، يېزا - كەنت بېشى قاتارلىق جايلارغا ئەجدادلىرىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن تاش تۈۋرۈكلەرنى ئورنىتىپ قويىدۇ.