مالايالاملار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مالايالاملار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <مارابالار>، <كېرالالار>، <مالايالىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى ھىندىستاننىڭ كېرالا شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى كېرالا شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى كېرالا شىتاتىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا شىتاتلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 20 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا سىنگاپور قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ ئاز بىر قىسىم مالايالاملار بار.
مالايالاملارنىڭ كۆپىنچىسى دراۋېد ئىرقىغا كىرىدۇ، دراۋېد تىللىرى سىستېمسى جەنۇب تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مالايالام ياكى تامىل تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار.
مالايالاملارنىڭ 60 پىرسەنتى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغانلىرى ئىسلام دىنى بىلەن خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم تارمىقىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئاتا - بوۋىلىرىغا ۋە جىن - شەيتانلارغا چوقۇنىدۇ.
مالايالاملار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، كوكۇس قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ زىرائەتلىرى ئۆستۈرىلىدۇ.
مالايالاملارنىڭ ئەجدادى ئارىئانلار بىلەن دراۋېدلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز - ئارا قوشۇلۇپ كېيىن مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان.
مالايالاملار كۆپرەك ئاق رەڭلىك كىيىم - كېچەكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاياللىرى چېچىنى بانتىلاپ بېشىغا يۆگىۋالىدۇ، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.
مالاياملاردا يىلاننى ئۇلۇغلاش، يىلان پىرىغا چوقۇنۇش ئادىتى بار.
مالاياملاردا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يېزىق ئەدەبىياتى بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئېغىز ئەدەبىياتى، ناخشا، قوشاق داستان، چۆچەك، رىۋايەت قاتارلىق ژانىرلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ مالايالاملارنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، تەبىئەت ۋە جەمىئيەت توغرىسىدىكى قارىشى، ئۆرپ - ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يازما ئەدەبىياتى Ⅸ ئەسىردىلا شەكىللەنگەن بولۇپ، تەخمىنەن مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە. يازما ئەدەبىياتىدا <ئودىيا قىسسى> ۋە <روبونانىڭ غەلبىسى> قاتارلىقلارنىڭ ھىندىستاندا خېلىلا داڭقى بار.