UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرفرانسۇزلار

فرانسۇزلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر فرانسۇزلار فرانسيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. نوپۇسى 46 مىليون 840 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 83 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى، ئىتالىيە، بېلگىيە، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، پاكىستان قاتارلىق ئەللەردە 15 مىليوندىن كۆپرەك فرانسۇز ياشايدۇ. فرانسۇزلارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكىلىرى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا، ئوتتۇرا قىسمىدىكىلىرى ئالىپ تىپىغا، شىمالدىكىلىرى ئاتلانتىك - بالتىق دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ فرانسۇز تىلى فرانسىيىدە دۆلەت تىلى بولۇپ، بۇ تىل ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىنىڭ رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ، فرانسۇز تىلى ب د ت دا قوللىنىدىغان ئالتە خىل تىل ۋە كاتىبات باشقارمىسىدا دائىملىق ئىشلىتىدىغان ئىككى خىل خىزمەت تىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، فرانسۇزلارنىڭ مىللىي يېزىقى بار، بۇ خىل تىل - يېزىقنى 100 مىليوندىن كۆپرەك كىشى قوللىنىدۇ. فرانسۇزلار ئاھالىسىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا، ئاز قىسىمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. فرانسۇزلار ياۋروپادا ئىگىلىكى تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 76 پىرسەنتى زامانىۋى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگلىكىدە ئاساسەن بۇغداي، ئارپا، قىزىلچا، ياڭيۇ، تاماكا، ئۈزۈم قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، شۇڭا ھازىر فرانسىيە ئامېرىكىدىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. فرانسۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى مۇرەككەپ بولۇپ، قەدىمكى زاماندا ھازىرقى فرانسىيىدە رىملىقلار <گاللار> دەپ ئاتىغان كېلىت قەبىلىلىرى ياشىغان. ئۇلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅵ ئەسىردە ھازىرقى فرانسىيىگە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، فرانسىيىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسىگە ئايلانغان. مىلادىدىن ئاۋۋال Ⅰ - Ⅱ ئەسىرلەردە رىملىقلار بۇلارنى ئىستىلا قىلىۋالغان ھەم گاللارنى رىنلىقلاشتۇرۇۋالغان. Ⅴ ئەسىردە بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ھەمدە فرانك پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان (Ⅵ ئەسىردە)، فرانك پادىشاھلىقى كېيىن بۆلۈنۈپ (843 - يىلى) غەربىي فرانك پادىشاھلىقى بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ يەردىكى گاللار بىلەن فرانكلارنى ئاساس قىلغان ھالدا فرانسۇز مىللىتى شەكىللىنىشىگە باشلىغان. فرانسۇزلار ئەزەلدىن ئاشپەزچىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، فرانسۇز تائاملىرىدىن غاز جىگىرى، قىيمىلىق پىشۇرۇلغان كالا گۆشى، راك، ھاراققا چىلانغان توخو گۆشى، بېلىق شورپىسى قاتارلىقلار غەربچە تائاملار ئىچىدە داڭلىق - ئېسىل تائام ھېسابلىنىدۇ. فرانسۇزلار ئادەتتە بولكا بىلەن گۈرۈچ تامىقىنى ئاساسىي ئۇزۇق قىلىدۇ، ئىرىمچىك (پىشلاق)، تورت، مېۋە - چېۋە، كۆكتاتنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، پىۋا، قەھۋە، ھاراقنى ياخشى كۆرىدۇ. فرانسۇزلار تائامدىن بۇرۇن ئۈزۈم ھارىقى، غىزادىن كېيىن ئاق ھاراق ئىچىدۇ، ئۇلارنىڭ تائاملىرى ھاراقتىن ئايرىلمايدۇ، ئۇلار ئۇنى ئىشتەي ئېچىش، كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش ھارىقى دەپ قارايدۇ. فرانسۇزلارنىڭ كىيىم - كېچەك تۈرلىرى كۆپ، سۈپىتى ئېسىل بولۇپ، مىللىي مودا كىيىم - كېچەكلىرىنى دۇنياغا كېڭەيتىپ، ياۋروپا ھەتتا دۇنا كىيىم - كېچەك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. فرانسۇز ئەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كاستيۇم - بۇرۇلكا كېيىدۇ. ئاياللىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. فرانسۇزلارنىڭ مودا كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ ھېلىمۇ دۇنياغا داڭقى بار. فرانسۇزلارنىڭ ئەنئەنىۋى توي - تۆكۈن ئادەتلىرى ياۋروپادىكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. فرانسۇز يىگىت - قىزلىرىنىڭ نىكاھ ئىشلىرى مۇھەببەتلىشىش، چاي ئىچكۈزۈش، توي قىلىش گۇۋاھنامىسىغا ئىمزا قويۇش، توي مۇراسىمىدىن ئىبارەت نەچچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىراق ھازىر زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى نىكاھ ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىرىپ، بەزى ياشلار توي خېتى ئېلىپلا ساياھەتكە چىقىپ كېتىدىغان ياكى قىزنى ھۇجرىغا كۆچۈرۈپ كېتىدىغان بولدى. فرانسۇزلاردا بىر جۈپ ئەر - خوتۇنلار تۇرمۇشلۇق بولغانلىقىنى خاتىرىلەشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە نىكاھلىنىش يېشىغا خاس ئىسىم قويۇپ قوللىنىدۇ. فرانسۇزلار بۇرۇندىنلا مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىپ كەلگەن، بىراق يېقىنقى زاماندىن باشلاپ، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش يولغا قويۇلدى. فرانسۇزلارنىڭ يېڭى يىل، روژدېستۋو، پاسخا، ئەرۋاھلار بايرىمى (11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)، تەنتەنە بايرىمى (3 - ئاي)، گۆللەش بايرىمى (4 - ئاي) قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلىرىدە خوراز چىللاش بايرىمى ياكى خوراز چىللىتىش بايرىمى قاتارلىق مەھەللىۋى بايراملىرى بار. فرانسۇزلار گۈلسامساق (پىياز گۈل ياكى كېپىنەك گۈل) نى مىللەتنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك، ئىقبال، ھۈرلۈك، دوستلۇق ۋە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىپ ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ، شۇڭا ئوتتۇرا ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ دۆلەت گىربىگە سامساق گۈل چۈشۈرۈلگەن، بىراق فرانسۇزلار ئاق جۇخار گۈلنى مۇسىبەتتىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ھەر قانداق خاتىرىلىنىدىغان خۇشاللىق سورۇنلىرىغا ھەرگىز ئاق جۇخار گۈلنى سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ كىرمەيدۇ، ھەم تەقدىم قىلمايدۇ. فرانسۇزلار تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلارغا بەكمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن فرانسۇزلار خورازنى ۋاقىت خەۋەرچىسى، قەيسەرلىك باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ، ئۇنى دۆلەت قۇشى دەپ ھېسابلايدۇ. فرانسۇزلار سۆزمەن مۇھاكىمە - مۇنازىرىچى ۋە ئەدەپ - قائىدىلىك كېلىدۇ، ئۆزئارا بىر - بىرىنى <ئەپەندى>، <خانىم>، <ئايىم>، <خېنىم> دەپ چاقىرمايدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تونۇشمىغان كىشلەرنىڭ ئىسمىنى توغرىدىن - توغرا ئاتىمايدۇ. <مەرھەمەت>، <ياخشىمۇسىز>، <ھەشقاللا>، <ئەپۇ قىلىڭ>، <خەير - خوش> دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ. كوللېكتىپ سورۇنلاردا سۈرەن - چۇقان قىلمايدۇ. بىرەرسىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا، ئالدى بىلەن ئايال ساھىپخان بىلەن خانىملارغا سالام بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە <ئايال بىرىنچى> ھېسابلىنىدۇ، فرانسۇزلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا بىر - بىرسىنىڭ مەڭزىگە يېقىپ سۆيۈپ قويىدۇ ياكى چېكىسىگە چېكىسىنى تەككۈزۈپ قويىدۇ؛ بىر - بىرىنى تونۇشتۇرغاندا، ئالىدى بىلەن ئايالنى، ياشلىرى ئالدى بىلەن يېشى چوڭلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. فرانسۇزلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەقىدىسى - ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق؛ بۇ ئۈچ ھېكمەت فرانسىيە دۆلەت گېربىگىمۇ يېزىلغان. فرانسۇزلارنىڭ تۇرمۇشى گۈلدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇلار توي - تۆكۈنگە، مېھمانغا بارسا گۈل تەقدىم قىلىدۇ، قەبرىستانلىققا بارغاندا قەبرە بېشىغا ئاق جۇخار گۈلى قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. دېمەك، گۈل كىشلىك مۇناسىۋىتىدە بىر خىل ئالاقە ۋاستىسى ھېسابلىنىدۇ. فرانسۇزلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. فرانسۇزلارنىڭ 4 مىڭ كۇپلىتلىق <رولاند ناخشىسى> ناملىق خەلق ئېپوسى ۋە <تۈلكە ھەققىدە رومان>، <ئادۋۇكات بادران> قاتارلىق ئېپىك داستانى مەشھۇر. فرانسۇزلار يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇلۇغ <ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئويغىنىش دەۋرى> بىلەن بۈيۈك فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ياۋروپا ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇلار ئىنسانىيەتكە نۇرغۇنلىغان مۇتەپپەككۇر، يازغۇچى ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. مەسىلەن، گۇمانىزمچى رابلې (1494 - 1553)، مەرىپەتىچى مونتېسكيۇ (1689 - 1755)، ۋولتېر (1694 - 1778)، دىدرو (1713 - 1784)، ماتېماتىك دېكارت (1596 -1650)،خېمىك لاۋازى (1743 - 1794)، ئىلمىي فانتازىيىچى ۋېرنى (1828 - 1905)، بىئولوگ باستېر (1822 - 1895)، يازغۇچى بالزاك (1799 - 1850)، گيوگو (1802 - 1885)، مۇپاسسان (1850 - 1893)، دراماتورگ موللېر (1622 - 1673)، دۇنياغا مەشھۇر <ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى> نىڭ ئاپتۇرى پوتئېر (1816 - 1887)، رەسسام دېلاكروۋا (1798 - 1863)، ھەيكەلتىراش دودىن (1840 - 1917) قاتارلىق كىشلەردىن ئىبارەت. فرانسۇزلارنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمۇ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 1901 - يىلدىن 1985 - يىلىغىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئون نەچچە كىشىگە يېتيپ، دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. فرانسۇزلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پوتبول، بوكسىيورلۇق، سۇغا سەكرەش، ئات بەيگىسى، زەيتۇن توپ قاتارلىقلار بار. فرانسۇزلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پەرھىزلىرى كۆپ، فرانسۇزلار ياۋروپانىڭ باشقا مىللەتلىرىگە ئوخشاش كىشلەر بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ياكى پاراڭلاشقاندا قارشى تەرەپنىڭ يېشى، كىرىمى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق شەخسىي تۇرمۇشىغا دائىر ئىشلارنى سوراشنى يامان كۆرىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار بۇنى بەكمۇ ئېغىر ئالىدۇ. فرانسۇزلار ياڭاقنى تەلەيسىزلىك دەپ قارايدۇ، <13> سانىدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، ئىت گۆشى يېمەيدۇ. فرانسۇزلار سېرىق رەڭنى ۋاپاسىزلىقنىڭ بەلگسى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا گۈل سوۋغا قىلغاندا سېرىق رەڭلىك گۈل ياكى نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. فرانسۇزلار ئاق تۇرنىنى ئەخمەقلىق، ھاماقەتلىك ۋە پاھىشە ئاياللارغا سىمۋول قىلىدۇ، شۇڭا ئاق تۇرنا سىزىلغان نەقىش، گۈل نۇسخلىرىنى يامان كۆرىدۇ، ئۇنى سودا تاۋار ماركىسى قىلمايدۇ. فرانسۇزلار سېرىق رەڭنى ۋاپاسىز، قۇۋلۇق - شۇملۇقنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ، شۇڭا ئۆزئارا ھەرگىز سېرىق گۈل دەستە ياكى نەرسە تەقدىم قىلمايدۇ. فرانسۇزلاردا تۇل خوتۇن 300 كۈن ئىدددەت تۇتىدۇ، 300 كۈن توشقاندىن كېيىن ئاندىن ياتلىق بولۇشقا بولىدۇ. فرانسۇزلار 1582 - يىل 12 - ئايدىن باشلاپ مىلادى كالېندارىنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى، بىراق 1793 - يىلغا كەلگەندە، ياۋروپادا تۇنجى قېتىم مىلادىيە كالېندارى رامكىسىنى بۆسۈپ، <جۇمھۇرىيەت كالېندارى> دەپ ئاتىلىدىغان كالېندارنى قوللانغان. فرانسۇزلارنىڭ ئىسمى ئالدىدا، فامىلىسى كەينىدە كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپى دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، فامىلىسى ئۇزۇن، ئىسمى قىسقا بولىدۇ، چۈنكى دىنىي ئىسىم بىلەن بوۋىلىرىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتايدۇ. فرانسۇزلاردا ئىجتىمائىي، كەسپىي سالاھىيىتى، يەر - جاي نامى، ھايۋانات نامى ۋە كىشلەرنىڭ مىجەز - خۇلقى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆزىگە فامىلە قىلىش ئادىتى بولۇپ، ئۇ مەلۇم مەنىگە ئىگە بولىدۇ، مەسلەن: <باسىد> دېگەن فامىلە <پادىچى>، <نۇرمان> دېگەن فامىلە <نۇرماندىيىلىك>، <بوۋاۋان> دېگەن فامىلە <ھاراقكەش> مەنىسىنى بېرىدۇ. فرانسۇزلاردا قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ، بىراق يازغۇچى، ئارتىس، جامائەت ئەربابى بولغان داڭلىق ئاياللار ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ ياكى ساقلاپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر