خۇررىئانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خۇررىئانلار <خوررىلار>، <خوررىتېلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار غەربىي ئاسىيا قەدىمكى مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅩ - Ⅹ ئەسىرلەرگىچە مېسوپوتامىيىنىڭ (ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ) شىمالىي قىسمى يەنى ھازىرقى سۈرىيە بىلەن كىچىك ئاسىيانىڭ شەرقىي، كاۋكاز رايونىغا ئولتۇراقلاشقان غەيرىي سام قەبىلە - قوۋملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇررىئانلارنىڭ تىلى قايسى تىل سىستېمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى تېخى بېكىتىلمىدى.
خۇررىئانلار كۆپ ئىلاھقا، ئاتا - بوۋىلىرى ۋە مۇنەججىملىققا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن.
خۇررىئانلار دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇلاردا سۈنئىي سۇغىرىش سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئارپا تېرىشنى، ئېشەك، كالا، قوي، ئۆچكە باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان.
خۇررىئانلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅦ ئەسىرگە كەلگەندە مىتانىنې دۆلىتىنى بەرپا قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنى <مىتانىنېلار> دەپمۇ ئاتىغان. بۇ دۆلەت مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ - ⅩⅤ ئەسىرلەر ئارىلىقىدا قۇدرەت تېپىپ، پادىشاھ شائوشاتار سۈرىيىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە مېسوپوتامىيە ئەتراپىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ پادىشاھلىق زەئىپلىشىپ ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى خىتتىتېلار بېسىۋالغان؛ مىلادىدىن ئىلگىركى ⅩⅢ ئەسىرگە كەلگەندە، يەنە بىر قىسىم زېمىنىنى ئاسۇرىيە بېسىۋالغان، كېيىن بېرىپ خۇررىئانلارنىڭ قۇرغان پادىشاھلىقى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيسى زېمىنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.