UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرچېخلار

چېخلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر چېخلار چېخىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتى چېخىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 9 مىليون 763 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 81 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، سلوۋاكىيە (55 مىڭ)، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، يۇگۇسلاۋىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر مىليوندىن كۆپرەك چېخ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 10 مىليون 470 مىڭ. چېخلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالىپ تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسنىڭ غەربىي تىللىرى تارمىقىغا تەۋە چېخ تىلىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. چېخلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. چېخلار سانائىتى تەرەققىي قىلغان مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى سانائەت (شەھەر - بازار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 67 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ) بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتى پولات - تۆمۈر، ماشىنسازلىق، ئاپتوموبىل، توقۇمىچىلىق، خىمىيە، كۆن - خۇرۇم، پىۋا ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بىر قىسمى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچلىقتا بۇغداي، ئارپا، سۇلۇ، ياڭيۇ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. چارۋىچىلىقىمۇ خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مىللىي دارامەتنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسەن كالا بىلەن چوشقا بېقىلىدۇ. چېخلارنىڭ ئەجدادلىرى - غەربىي سىلاۋيانلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅵ - Ⅴ ئەسىرلەردە ھازىرقى چېخىيە رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ يەردە ياشىغۇچى بىر قىسىم كېلىت، گېرمان قەبىلىلىرىنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋالغان. Ⅶ ئەسىردە ئاۋارلارغا قارشى ئىتتىپاق تەشكىل قىلغان ھەمدە سامو كىنەزلىكىنى بەرپا قىلغان، Ⅸ ئەسىردە بۈيۈك موراۋىيە ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلغان. شۇ مەزگىلدە چېخ، موراۋيان، سلوۋاك قاتارلىق غەربىي سىلاۋيان قەبىلىلىرى ئۆزئارا بىرلىشىشكە يۈزلىنىپ، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى چېخلارمۇ پەيدىنپەي بىرلىككە كەلگەن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.چېخلار ھازىر ياۋروپادا سانائىتى راۋاجلانغان، يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلاشتۇرۇلغان، تەرەققىي تاپقان مىللەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ. چېخلار بولكا ۋە تاتلىق ياڭيۇنى ئاساسىي ئوزۇق؛ كالا، چوشقا گۆشىنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ، پېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، شۇڭا ھەممە ئائىلىدە پىۋا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. چېخلارنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ، پاسونىمۇ خىلمۇ خىل كېلىدۇ؛ ئادەتتە ئەرلىرى ئۇچىسىغا كەمزۇل كېيىپ، ئۈستىگە جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ؛ ئاياللىرى گۈللۈك ياكى كانىۋاي تۇتقان كىيىم - كېچەكلەرنى كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بېشىغا پىرامىدا شەكلىدە قىلىپ ياغلىق چېگىۋالىدۇ. چېخلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم مۇراسىم ئىشلىرى كۆپرەك چېركاۋدا ئۆتكۈزىلىدۇ، مۇسىبەت كۈنى قارا كىيىم - كېچەكلىرىنى كېيىدۇ. چېخلارنىڭ روژېستۋو بايرىمى، پاسخا بايرىمى، تەنتەنە بايرىمى، پىۋا بايرىمى، باھار بايرىمى قاتارلىق دىنىي ئەنئەنىۋى مىللىي ھېيت - بايراملىرى بار. چېخلار ئەدەپ - قائىدىگە دىققەت قىلىدۇ، تونۇش - بىلىشلەر ئۇچراشقاندا، شىلەپىسىنى قولىغا ئېلىپ سالام بېرىپ ئۆتىدۇ، يېقىن كىشلەر ئۇچراشقاندا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ، بىر - بىرىنى سۆيۈپ قويىدۇ. كىشنى ھۈرمەتلەش ئۇلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۆزئارا پاراڭ قىلىشقاندا ھەرگىز باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئارىلاشمايدۇ، جامائەت سورۇنلىرىدا پەس ئاۋاز بىلەن سۆزلىشىدۇ، تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقارمايدۇ. ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى ئارا ئادەتتە قىممەتلىك نەرسىلەرنى سوۋغات قىلمايدۇ ھەم بۇ خىل سوۋغاتنى قوبۇل قىلمايدۇ، بىراق گۈلدەستە سۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. چېخلار ياشانغانلارنى، ئاياللارنى ئالاھىدە ھۈرمەتلەيدۇ، بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە يوقلاپ ياكى مېھمان بولۇپ بارسا، ئايال ساھىپخانغا تاق گۈل تۇتىدۇ. چاقىرىلغان سورۇنغا ھەرگىز كېچىكىپ بارمايدۇ. جامائەت سورۇنلىرىدا مىشقىرمايدۇ، قۇلىقىنى، بۇرنىنى كوچىلىمايدۇ، خالىغانچە تۈكۈرمەيدۇ، قالايمىقان مېۋە شۆپۈكلىرىنى تاشلىمايدۇ. ئۆيىگە ۋە جامائەت سورۇنلىرىغا ئايىقىنى سېلىپ ساپما كەش بىلەن كىرىدۇ. چېخلار ئەتىرگۈل بىلەن چىنىگۈلنى قەدىرلەپ، ئۇنى مىللەتنىڭ سىمۋولى دەپ ھېسابلايدۇ. چېخلار مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، پۇتبۇل، مۇز توپى، چويلا توپ قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى چېخلاردا خېلىلا ئومۇملاشقان. چېخلار مۇزىكىغا ھېرىسمەن مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئىجاد قىلغان <پولكا> ناملىق خەلق ئۇسسۇل مۇزىكىسى ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرىگە، كېيىن پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان. ئۇ ھازىر كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ئون چوڭ تانسا مۇزىكىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر