سانتاللار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سانتاللار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى ھەمدە مۇندالار ئىچىدىكى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر تارمىقى. ئاھالىسىنىڭ 4.98 پىرسەنتى ھىندىستاننىڭ بىخار، غەربىي بېنگال ۋە ئورىسسا شىتاتلىرىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى بېنگال، نېپال، بوتان قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 4 مىليون 80 مىڭ.
سانتاللار ھىندى - ياۋروپا ئىرقى قان سىستېمىسى ئارىلاشقان نېگىر - ئاۋىسترالىيە ئىرقى ۋىدا تىپىغا كىرىدۇ؛ جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى مۇندا تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سانتال تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق.
سانتال ئاھالىلىرى ھىندى دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئاتا - بوۋىلىرىغا ۋە جىن - شەيتانغا چوقۇنىدۇ.
سانتال ئاھالىلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، پۇرچاق تېرىلىدۇ.
سانتاللار پاترىئارخاللىق جەمىئىيەت باشقۇچىدا بولۇپ، ئىپتىدائىي جامائە تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى ساقلاپ قالغان، جەمئىي 12 دەك توتېم ئۇرۇققا بۆلۈنىدۇ، ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلىنىدۇ.
سانتاللار ناخشا - ئۇسسۇل، نەغمە - ناۋاغا ماھىر كېلىدۇ.
سانتاللار ئادەتتە مېيىتنى كۆيدۈرۈپ، باش سۆڭىكىنىڭ كۈلىنى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىر مەزگىل ساقلايدۇ، مېيتنىڭ كۆيدۈرۈلگەن باشقا ئەزالىرىنىڭ كۈلىنى دەرياغا تۆكۈۋېتىدۇ.
سانتاللار ئۇرۇق ئىچىدە نىكاھلىشىشقا يول قويمايدۇ، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ، نىكاھ ئىشلىرىدا ياش چەكلىمىسى بولمايدۇ.
سانتال ئاياللىرىدا بەدىنىگە خەت ياكى گۈل چېكىۋېلىش ئادىتى بار.
سانتاللاردا سىيىرغا چوقۇنۇش ئادىتى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ھەر يىلى يېزا - كەنتلەردە مەخسۇس سىيىر بايرىمى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.
سانتاللارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچە كېلىدۇ. سانتاللاردا كۈيئوغۇل بولدۇچىنى ئاۋۋال قەبىلە ئاقساقىلى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىدۇ، ئاندىن قىز بىلەن يىگىت ئۇچرىشىدۇ ۋە بىر - بىرىگە سوۋغات تەقدىم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توي ئىشى پۈتىدۇ، يىگىت تەرەپ قىزنى سۈكەنگە سېلىپ يۆتكەپ كېتىدۇ، مەرىكىدە ۋە يول بويى قىزنىڭ بېشىغا گىل سۈيى سېپىدۇ. سانتاللاردا يىگىت 25 ياش، قىز 20 ياشقا توشماي تۇرۇپ توي قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
سانتاللار مېيتنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى سۇغا ئېقىتىپ دەپنە قىلىدۇ.