تۇئارېگلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۇئارېگلار <ئىموشاكلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 4.54 پىرسەنتى مالى (350 مىڭ)، 22 پىرسەنتى بوكىنا فاسۇ (270 مىڭ)، 4.17 پىرسەنتى نىگېرىيە (150 مىڭ) دە ئولتۇراقلاشقان، ئاز قىسمى مىسىر، ئالجىرىيە (100 مىڭ)، لىۋىيە(10 مىڭ) ۋە ماۋرىتانىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك.
تۇئارېگلار ئەسلىدە بەربەرلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئاخاگگارا، ئانىتېسېر، كېل ئائىر، ئانجىر، ئىفورا قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
تۇئارېگلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى بەربەر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، تىۋېنناگ دەپ ئاتىلىدىغان مىللىي يېزىقى بار.
ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
تۇئارېگلارنىڭ تۈزلەڭلىك ئەتراپىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن سەھرايى كەبىر چۆللۈكى ئەتراپىدىكىلىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، چارۋىچىلىرى تۇرمۇشىدا تۆگىنى قاتناش ۋاستىسى ھەم ئوزۇقلۇق مەنبەسى قىلىدۇ.
تۇئارېگلارنىڭ ئەرلىرى ئۇزۇن ئاق يەكتەك كېيىپ، يۈزىگە قارا ياكى ئاق رەختتىن چۈمبەل تارتىۋالىدۇ، ئاياللىرى قىزىل ۋە باشقا قېنىق رەڭلىك كۆڭلەك ياكى يوپكا كېيىۋالىدۇ، خىلمۇ - خىل زىننەت بۇيۇملىرى ۋە تىل تۇمار تاقىۋالىدۇ.
تۇئارېگ ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى ئەرلەردىن يۇقىرى كېلىدۇ، ئىجتىمائىي ئورنىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئادەتتە پەرەنجە سالمايدۇ. نىكاھ ئىشلىرىدا ئۆزىگە ئەركىن ھالدا لايىق تاللىيالايدۇ.
تۇئارېلاردا ئوغۇل بالا 15 ياشقا توشقاندا ئالاھىدە چۈمبەل ياكى پەرەنجە تارتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاتا - ئانىلىرى ئوغلىغا پەرەنجە بىلەن خەنجەر تەقدىم قىلىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى نەرسىنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ ھەمدە يۈزىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەيدۇ، ھەتتا يىگىتنىڭ سۆيگىنىمۇ ئۇنىڭ كۆزىدىن باشقا جايلارنى كۆرەلمەيدۇ، بەزىلىرى سىرتقا چىققاندا ياكى مېھمان كۈتكەندىمۇ يۈزىگە چۈمبەل تارتىۋالىدۇ.
تۇئارېگلارنىڭ روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا يەنە باھار بايرىمى، كوكۇس بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار.
تۇئارېگلاردا قەبىلىداشلىق تۈزۈمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا چوڭ ناغرا (دۇمباق) بولىدۇ، ئۇ ھوقۇقنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىپ، چوڭ ۋەقە يۈز بەرسە ئۇنى چالىدۇ. قەبىلە ئەزالىرى شۇئان ئىشىك ئالدىدا تەق بولىدۇ.
تۇئارېلار توخۇ گۆشى بىلەن تۇخۇم يېمەيدۇ، ئەرلىرى ئېغىز قىسمىنى كىشلەرگە كۆرسىتىشنى ئاچكۆزلۈكنىڭ ئىپادىسى دەپ ھېسابلاپ ھەرگىز باشقىلارغا كۆرسەتمەيدۇ، ھەتتا ئۆي ئوچاقلىق بولغانلىقىغا نەچچە ئون يىل بولغان مومايلارمۇ ئەرلىرىنىڭ ئاغزىنى كۆرەلمەيدۇ.