UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرسىندىلار

سىندىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر سىندىلار پاكىستاندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 85 پىرسەنتى پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى بېلوجىستان ئۆلكىسى بىلەن باشقا رايونلىرىغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 10 مىليون 800 مىڭ بولۇپ،پاكىستان نوپۇسىنىڭ 18 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىمۇ 2 مىليوندىن كۆپرەك سىندى بار. ئومۇمىي نوپۇسى 15 مىليوندىن كۆپرەك. سىندىلار ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سىندى تىلى بىلەن ئوردۇ تىلىنى قوللىنىدۇ، سىندى تىلى سىندى ئۆلكىسىدە ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. سىندىلارنىڭ پاكىستاندىكىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ھىندىستاندىكىلىرى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سىندىلار دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، توقۇمچىلىق، كۇلالچىلىق، گىلەمچىلىك، ياغاچ ئويمىچىلىقمۇ بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. سىندىلارنىڭ بېلوجلار، پاتانلار (پاكىستانلىقلار) ۋە ئەرەبلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئۆز ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن چوڭ - كىچىك قەبىلىلەرگە بۆلۈنىدۇ، سىندىلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى تارىختا گرېك، ساك، ئېفتالىت، ئەرەب، پارس، تۈرك قاتارلىق مىللەت - قوۋملارنىڭ مەدەنىيەت تەسىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى قوبۇل قىلغان، بولۇپمۇ ھازىرقى پاكىستان تەۋەسىدىكى سىدىلار شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئەڭ دەسلەپ ئەرەب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان. پاكىستاندىكى سىندىلار روزا ھېيت ۋە مەۋلۇدتىن باشقا نەۋرۇز (باھار) بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. سىندىلارنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە ئوغۇل بىلەن قىز تەرەپتە ئايرىم - ئايرىم ئۆتكۈزىلىدۇ، مەرىكە ئاياغلىشىپ قىز بىلەن يىگىت يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئارىدىن بىر مويسىپىت كىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى قولى بىلەن يىگىت - قىزنىڭ بېشىنى تۇتۇپ يەتتە قېتىم ئىككىيلەننى بىر - بىرىگە ئۈستۈرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن پەرزەنت كۆرۈشنى تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
سىندىلار | UyghurWiki | UyghurWiki