UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرفىنلار

فىنلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر فىنلار فىنلاندىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى <سۇمالەيتېلار> دەپمۇ ئاتايدۇ؛ ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 310 مىڭدىن كۆپرەك، ئۇنىڭ 4 مىليون 830 مىڭى فىنلاندىيىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 1.93 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، قالغان قىسمى شۋېتسىيە (380 مىڭ)، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، نورۋېگىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. فىنلار ئورال ئىرقىنىڭ موڭغۇل ئىرقى بىلەن ياۋروپا ئىرقى ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ، ئورال تىللىرى سىستېمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە فىن تىلىنى قوللىنىدۇ؛ بۇ تىل ئېستون تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشپ كېتىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار، ئاھالىلىرى شۋېد تىلىنىمۇ بىلىدۇ، شۇڭا جۇمھۇرىيەتتە بۇ ئىككى تىل دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. فىنلارنىڭ كۆپىنچىسى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە، ئاز بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. فىنلار شىمالىي ياۋروپا بويىچە ئىقتىسادى ۋە مائارىپ، مەدەنىيىتى تەرەققىي تاپقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 36 پىرسەنتى سانائەت، بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتىدە قەغەزچىلىك، كېمىسازلىق، ماشىنسازلىق قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى ئاساس قىلىنىدۇ؛ ئاھالىسىنىڭ 23 پىرسەنتى سودا، قاتناش، تىرانسىپورت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ 14 پىرسەنتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي، ئارپا، سۇلۇ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا گۆشلۈك، سۈتلۈك كالا بېقىلىدۇ. فىنلاردا 9 يىللىق مائارىپ ئومۇملىشىپ، ساۋاتسىزلىق تۈگىتىلگەن، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. فىنلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى - ساملار مىلادىدىن ئىلگىرى بالتىق دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرى بىلەن لادوگا كۆلى ئەتراپىدىن ھازىرقى فىنلاندىيە تەۋەسىگە كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇراقلاشقان، Ⅷ ئەسىرگە كەلگەندە ئۇلار يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ سۇئومىلار، خامىلار ۋە كارىللاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرگە كەلگەندە ئۇلار بىرلىشىپ پەيدىنپەي بىرلىككە كەلگەن مىللەت بولۇپ، ئۇيۇشۇشقا باشلىغان. فىنلار ئۇزاق ۋاقىت شۋېتسىيە بىلەن چاروسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغانلىقتىن، مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداقتىمۇ كۆپ جەھەتتە يەنىلا ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن. فىنلار مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنىڭ تىپىك بىر بەلگىسى - <ساۋۇنا> فىنلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىرىنچى ئېھتىياج ھېسابىلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە بۇ خىل <ساۋۇنا> 2 مىليوندىن كۆپرەككە يېتىدىكەن. فىنلار مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنىڭ يەنە بىر تىپىك بەلگىسى - فىن قىزلىرىنىڭ توي مەرىكىسىدە كېيىدىغان ھەيۋەتلىك تاجىسى بولۇپ، بۇنى فىن قىزلىرى ياتلىق بولۇشتىن بۇرۇن ئۆزى تەييارلايدۇ، كىشلەر توي مەرىكىسى كۈنى قىزنىڭ تەييارلىغان تاجىسىغا قاراپ قىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە چىۋەرلىكىگە باھا بېرىدۇ. فىنلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى ئىچىدە ئىيۇن بايرىمى، ۋالىبول بايرىمى، فىن بايرىمى قاتارلىق بايراملىرىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. فىنلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئىچىدە ھەر يىلى 15 - مارت ئىنارۇ كۆلى بويىدا ئۆتكۈزىلىدىغان بۇغا بەيگىسى داڭلىق. فىنلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا باي مىللەت. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرى ئىچىدە 19 - ئەسىردە رەتلىنىپ قەلەمگە ئېلىنىپ نەشىر قىلىنغان <كالۋارا> (<قەھرىمانلار ئېلى>) ناملىق تارىخىي ئېپوس مەشھۇر. فىنلار مەرۋايىتگۈل بىلەن گۈلچىمەننى مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ، جۈملىدىن <ساۋۇنا> نىمۇ بارلىق كېسەللىك ئۈچۈن شىپالىق بېرىدۇ دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى مۇقەددەس جاي دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئەزىز مېھمانلىرىنى ئالدى بىلەن ساۋۇنادا يۇيۇندۇرىدۇ. فىنلار ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك مۇھىت تۈپەيلىدىن ئومۇمەن ئاق نەرسىلەرنى ئالاھىدە ئەزىر كۆرىدۇ ھەمدە ئاق رەڭنى تىنچلىق، پاكلىق، ئادالەتنىڭ سىمۋولى ۋە يىل بويى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان ۋەتىنىنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ. فىنلاردا ئوقۇغۇچىلار ئاق قالپاق كېيىش ئادەتكە ئايلانغان. ھەر يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئالىي مەكتەپلەردە ئاق قالپاق كېيىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىپ، بۇ كۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بايرىمى دەپ ئاتىلىدۇ. فىنلار ئەزەلدىن گۈل - گىيا، دەل - دەرەخ ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، فىنلاردا كۆچەت يېتىشتۈرۈش، ئورمان بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان، شۇ سەۋەبتىن فىنلاندىيە ئورمان بىلەن قاپلىنىش، كۆكەرتىلىش جەھەتتە ياۋروپا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئورماندىن ئىبارەت بۇ بىباھا بايلىق فىن خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان بولۇپ، كىشلەرگە بەخت ئاتا قىلغان. فىنلار گۈلنى بەخت - سائادەت، شاد - خۇراملىق، گۈزەل ياشلىق، ساپ ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ نىشانى دەپ بىلىدۇ، ئۇلار گۈل - گىيالارنى ئاسىراشقا ئادەتلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
فىنلار | UyghurWiki | UyghurWiki