UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرلىۋىيىلىكلەر

لىۋىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر لىۋىيىلىكلەر <لىۋىيە ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، لىۋىيىلىكلەرنىڭ 7.99 پىرسەنتى لىۋىيىنىڭ شىمالى، ترىپولى ۋە كىرىنايكا دېڭىزى قىرغىقى رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 970 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 18ىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ بىر قىسىم لىۋىيىلىكلەر بار.لىۋىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ. ئۆز ئىچىدىن مارابۇت، سارىت، رىياخ، خاساۋنا، خۇتمان قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ. لىۋىيىلىكلەر سام - ھام تىللىرى سىستېمىسىنىڭ سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى بار. لىۋىيىلىكلەرنىڭ 98 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، شۇڭا ئىسلام دىنى لىۋىيىدە دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ، <شەرىئەت> دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى تۈپ ئاساسى قىلىنىدۇ. لىۋىيىلىكلەر ئاساسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، زەيتۇن، خورما، خاسىڭ قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، ئات ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. لىۋىيىلىكلەر Ⅶ - Ⅺ ئەسىرلەردە بۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن ئەرەبلەر بىلەن يەرلىك بەربەرلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلىشى، جۈملىدىن قەدىمكى فىنكىيىلىكلەر، يەھۇدىيلار، گرېكلار ۋە رىملىقلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا پەيدىنپەي شەكىللەنگەن مىللەت. لىۋىيىلىكلەر بولكا بىلەن خورمىنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدۇ، چاي بىلەن قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. لىۋىيىلىكلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى شىمالىي ئافرىقىدا ياشىغۇچى ئەرەبلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لىۋىيىلىكلەر ئوسمان تۈركلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەرلىرى ئۇچىسىغا ئەرەبچە ئاق ياكى سۇس رەڭلىك نىمچە كېيىپ بېشىغا تۈرك فاسۇنىدىكى قىزىل كىگىز قالپاق ياكى تەقىيە كېيىۋالىدۇ. ئاياللىرى كەشتىلىك كۆڭلەك كىيىپ، بېلىنى باغلىۋالىدۇ، سىرتقا چىققاندا ئادەتتە چوڭ ياشلىق ئاياللاردىن باشقىلىرى چۈمبەل تارتمايدۇ. قىزلىرى پەرداز قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى تاقاپ يۈرىدۇ. لىۋىيىلىكلەر ھېسياتچان، قىزغىن، مېھماندوسىت كېلىدۇ، ئادەتتە بىر - بىرىنى <قېرىنداش> دەپ ئاتايدۇ. بىراق ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئەرلەردىن تۆۋەن دەپ ھېسابلايدۇ، ياتلىق بولغان ئاياللارنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى مەنئى قىلىدۇ، سىرتقا چىققاندا پەرەنجە بىلەن باش قىسمىنى ئورىۋالىدۇ. لىۋىيىلىكلەردە ھاراق ئىچىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ مېھماننى تونۇر كاۋىپى ۋە <كوسكو> دەپ ئاتىلىدىغان، قوي گۆشى، پىياز، پەمىدۇر، كاۋا، گۈرۈچ بىلەن قىلىنىدىغان مىللىي تامىقى ۋە يېڭى سويغان قوينىڭ خام جىگىرى بىلەن قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. لىۋىيىلىكلەر روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، مەۋلۇد، ئاشۇرا قاتارلىق ھېيت - بايراملارنى بىر قەدەر داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. لىۋىيىلىكلەردە ئەرلىك ئاياللارغا سوۋغات بېرىشنى يامان كۆرىدۇ. لىۋىيە ئەرەبلىرى يېشىل رەڭنى بەخىت - سائادەت، تىنىچلىق، غەلبە ۋە ئاسايىشلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ بۇ خىل رەڭلىك نەرسىلەرگە ئالاھىدە تېۋىنىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ؛ شۇڭا لىۋىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىمۇ پۈتۈنلەي ياپيېشىل رەڭ بىلەن بويالغان، يۇقىرى تەبىقە كىشلىرىمۇ يېشىل رەڭلىك كىيىم - كېچەك كېيىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر